كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلىنىپ سانائەتنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇردى

日期:2022年12月28日
来源:天山网
【字体:

ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائىتىنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 370 مىليون 656 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30كە يېقىن ئاشتى −

كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلىنىپ سانائەتنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

سانائەتنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ تاللاش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.8 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 370 مىليون 656 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.2 ئاشتى.

شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى بازارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭ كۆمۈرچىلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا سۈرئەتنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى ئۆرلەش ئەگرى سىزىقى بويىچە ئاشتى

12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئاپئاق قارغا پۈركىنىپ، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆمۈر قېزىش ئورنىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا، نەچچە ئون قېزىش ماشىنىسى «بىلەك»لىرىنى ئوينىتىپ، توختىماي كۆمۈر قېزىۋاتاتتى. قېزىۋېلىنغان كۆمۈر ئىلغاپ ئايرىلغاندىن كېيىن، تۆمۈر يول تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى قاتارلىقلارغا تېز توشۇلىدۇ.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى ئۆز ئالدىغا 70 مىليون 40 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم 70 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.9 ئاشقان.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ۋەكىللىك كارخانىلارنىڭ بىرى. شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى تيەنچى ئېنېرگىيەسى، يىخۇا كانچىلىقى، جۇڭليەن رۇنشى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ يىل كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىنى نامايان قىلدى. «12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە، شىركەتنىڭ بۇ يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 8 مىليون 550 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47 ئاشتى» دېدى جۇڭليەن رۇنشى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇڭ جىيۈەن.

قومۇل شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى. قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر 110 مىليون 950 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.4 ئاشقان، بۇ يىل قومۇل شەھىرىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم يۈز مىليون توننا دەرىجىلىكلەر قاتارىغا كىرگەن.

«شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا سۈرئەت تېزلىتىلدى

ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 145 مىڭ توننا كۆمۈر مەخسۇس پويىز ئارقىلىق شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى پائال قوللاپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا سۈرئەتنى تېزلەتتى. جۇڭگو تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 48 مىليون 461 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.1 ئاشقان.

قومۇل «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»نىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپ، بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 57 مىليون 80 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %158.3 ئاشتى.

ئاراتۈرۈك ناھىيەسى نوم كان رايونى قومۇل شەھىرىنىڭ مۇھىم كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. قىش كىرگەندىن بۇيان، نوم كان رايونى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ «قىشلىق توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى»دىكى كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى، ھازىر بۇ كان رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر تۆمۈر يول ۋە تاشيولدا توشۇلۇش ئارقىلىق خېشى كارىدورى، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلمەكتە.

«بىز <بىر كارخانىغا بىر تەدبىر>دىن ئىبارەت سېتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، خېرىدار بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، تاشقى بازارنى پائال كېڭەيتىپ، 11 - ئايدا شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا 2 مىليون 217 مىڭ توننا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.48 ئاشتى» دېدى ئاراتۈرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەن شىۋۇ.

گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزى ياسىغان تاشيول، تۆمۈر يول تىرانسپورت يولىغا ئىگە. «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل بۇ شىركەت سىچۇەن گۇاڭيۈەن، گەنسۇ ليۇگوۋ، نىڭشيا نىڭدۇڭ ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۆت چوڭ كۆمۈر ئەشيا ئوبوروتى سېتىش بازىسى»نى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى باشلىدى.

مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، قومۇل شەھىرى بۇ يىل «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىنى ئىلگىرىكى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبتىكى ئاساسىي بازىدىن تەدرىجى خۇاجۇڭ، خۇادۇڭ، خۇانەنگىچە كېڭەيتكەن.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆمۈرى ئاساسلىقى گەنسۇ، نىڭشيا، سىچۇەن، چىڭخەي، چۇڭچىڭ، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە توشۇلىدۇ، نۆۋەتتە «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» نىشان ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى مىقدارى 450 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ مول كۆمۈر بايلىقى نۇرغۇن مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرىنى جەلپ قىلدى.

خېنەن ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش تۈرىنى قۇرۇپ، كۆمۈرنى بىخەتەر، يېشىل قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، خېنەن ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شىركىتى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، كۆمۈردىن يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ھاسىل قىلىش، جىجىخۇدا يىلىغا 15 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان قۇدۇق، زاۋۇت، كان قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويىدۇ ھەم يۈرۈشلۈك كۆمۈر بايلىقىنى ئاچىدۇ. «كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ھاسىل قىلىش تۈرى كەلگۈسىدە خېنەن ئېنېرگىيەسى شەرقىي جۇڭغار زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسىنىڭ <ئېنېرگىيە ئارىلى> بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش، پارچىلىنىدىغان سولياۋ ئىشلەش قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى تېخنىكىلىق خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال تۈرىنى تۆۋەنگە ئۇزارتىپ، كۆمۈردىن تولۇق پايدىلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى خېنەن ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جۇ جۈنفۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ جياڭنا ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا گۇرۇھى ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئومۇمىي سېلىنمىسى 33 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولغان «كۆمۈر ئاساسىدىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى ماتېرىيال بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»نى ئىمزالىدى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن كۆمۈر بايلىقىدىن پاكىزلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال پايدىلانغىلى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 15 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان مېتانولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدە توقسۇن ناھىيەسىدە ئىش باشلاندى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ھازىر بار بولغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىدا پەيدا بولغان زور مىقداردىكى تاسقىۋېتىلگەن نەرسىلەر ۋە كېرەكسىز كۆمۈر گازى قاتارلىقلارنى قايتا پىششىقلىغىلى بولىدۇ. «بۇ زەنجىر تولۇقلانغاندىن كېيىن، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى نېفىت خىمىيە سانائىتى بىلەن باغلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېدى شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ يۇڭلۇ.

«قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيەسى كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى يادرو قىلىپ، ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى، كېرەكسىز كۆمۈر گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كېرەكسىز كۆمۈر گازىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتا، شىنجاڭ گويې يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مېتىل ئالكوگولنى خام ماتېرىيال قىلىپ پولى فورمالىن ئىشلەپچىقاردى، ھازىر بۇ تۈر ئۈسكۈنىلەرنى بىرلىشىپ تەڭشەش، بىرلىشىپ سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىردى، كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شىنجاڭ داشۆ خىمىيە شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پىروفېسسور ليۇ لاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر تۈرلىرى تولۇق، ساقلىنىش شارائىتى ياخشى، قېزىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىر شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىماقتا، تەرەققىيات جەريانىدا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساھەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.