شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

日期:2022年12月28日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايون گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە 23 مەركەز كارخانىسى بىلەن شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش بويىچە سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى ھەم 11 مەركەز كارخانىسى بىلەن 38 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى. سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىدىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ھەم سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھازىر، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئېففېكتى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىق پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نۇقتىلىق تۈرتكە بولىدىغان «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشىغا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ كارخانىلىرىنى يېتەكلەپ چېگرا سىرتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىپ ئېچىشقا بىرلىكتە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەتنى ماسلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، يۈكىنى يېنىكلىتىش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە مۇھاكىمە قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەشەببۇسكار بولۇپ كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىقتىسادنى بىلىدىغان، تەرەققىياتنى چۈشىنىدىغان كەسپىي تىپتىكى بىر تۈركۈم كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مەركەز كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسى»گە قاراپ چىقىلدى ھەم لايىھەنى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.