ئاپتونوم رايونىمىز ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق - ياغ بويىچە 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك زاكازغا ئېرىشتى

日期:2022年12月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشلىق سودا يەرمەنكىسى تور شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن. سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار تور سودىسىغا پائال قاتنىشىپ، جەمئىي تۈرلۈك تەييار ئاشلىق، ئاشلىق ۋە ئاشلىق - ياغ مەھسۇلاتلىرىدىن 319 مىڭ 200 توننا پۈتۈشكەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 مىليارد 205 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈشۈش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىگە پۈتۈن شىنجاڭدىن جەمئىي 160تىن ئارتۇق مەھسۇلات «شىنجاڭ ئۇنلىرى» «شىنجاڭ ياغلىرى»غا ۋەكىل بولۇپ يەرمەنكىگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگودىكى ياخشى ئاشلىق - ياغ» مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان كارخانا بەش، «شىنجاڭدىكى ياخشى ئاشلىق - ياغ» مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان كارخانا 28، خاس ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق - ياغ كارخانىسى سەككىز بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى بۇغداي ئۇنى، گۈرۈچ، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى، ئاساسلىق يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى VR بۇلۇت كۆرگەزمە سارىيى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇنى، شىنجاڭ يېغى، شىنجاڭ گۈرۈچى، گۇچۇڭ ئۇنى، پورتتا ماكانلاشتۇرۇپ پىششىقلاش، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىدىن ئىبارەت ئالتە بۆلەكنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى تەسىر كۈچكە ئىگە ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرى ھەم مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ نۇقتا، كۆپ يول، كۆپ قاتلامدىن تەشۋىق قىلغان، كۆرگەزمە قىلغان.

«بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە بىز مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتۇق». شىنجاڭ قەشقەر باھارى ئاشلىق - ياغ چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل باش نازارەتچىسى ئەخمەت ئابلىز مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كارخانىمىز تەرەققىياتتا تور سىرتىدىكى بازارغا ئەھمىيەت بېرەتتى، بۈگۈنكى كۈندە تور ۋە تور سىرتىنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇردۇق، يەرمەنكىدىن پايدىلىنىپ توردا سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، تەخمىنەن 20 خىل ئاشلىق - ياغ مەھسۇلاتىنى بازارغا سالدۇق؛ زاۋۇتىمىز يېڭى ئۈسكۈنلەرنى كىرگۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ چاغدا كۈندىلىك بۇغداي پىششىقلاش ئىقتىدارى 800 توننىغا يېتىپ، بازار ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىلىرى بۇ قېتىم يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئەھۋالى ھەم تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «شىنجاڭ ئۇنلىرى» «شىنجاڭ ياغلىرى» رايون ماركا قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، ساغلام يېمەكلىك ئىستېمالىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق، ياغ ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.