ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى(ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) شىمالىي دوختۇرخانا رايونىدا 12-ئاينىڭ 26-كۈنى نورمال دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇلازىمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

日期:2022年12月27日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى(ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) شىمالىي دوختۇرخانا رايونىدا نورمال دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى(ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) شىمالىي دوختۇرخانا رايونىدا 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ نورمال دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

دوختۇرخانا ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئەنەنچۈ بازىرى بېيچېن 6-كوچىسى 3666-نومۇر

قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ 24 سائەتلىك تېلېفونى: 3056588-0991

​جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ تېلېفونى: 3681120-0991

ئالاھىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى