ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

日期:2022年12月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇلار كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق 2 ـ دەرىجىلىك ئالىي سوتچىسى جۇ سۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 ـ يىلىدىن 2020 ـ يىلىغىچە، جۇ سۇڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان بولۇپ، بۇنى باھا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 188 مىڭ 500 يۈەن بولغان؛ باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ كۆپ قېتىم زىياپىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك ھاراق ئىچكەن، ئالاقىدار خىراجەتنى باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى تۆلىگەن. جۇ سۇڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق مۇدىر مۇختەر ھەسەننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي ـ تۆكۈن، ئۆلۈم ـ يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. 2019 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، مۇختەر ھەسەن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە قول ئاستىدىكىلەر سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان بولۇپ، بۇنى باھا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 120 مىڭ 800 يۈەن بولغان؛ 2021 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، ئوغلىنىڭ توي زىياپىتىنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، قول ئاستىدىكى ئون كىشى سوۋغا قىلغان جەمئىي 30 مىڭ يۈەننى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان. مۇختەر ھەسەندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق مۇئاۋىن رەئىس سۇن باۋرۇينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2013 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، سۇن باۋرۇي ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە قول ئاستىدىكىلەر سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان بولۇپ، بۇنى باھا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 598 مىڭ 700 يۈەن بولغان. سۇن باۋرۇيدە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق ئىدارە باشلىقى تۇردىمەمەت روزىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2013 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، تۇردىمەمەت روزى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان بولۇپ، بۇنى باھا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 462 مىڭ 600 يۈەن بولغان؛ كۆپ قېتىم ئىدارىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى ئاپىرىپ ئەكېلىشكە، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلاشقا ئىشلەتكەن. تۇردىمەمەت روزىدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق 2 ـ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ساۋ يۇڭجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2013 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، ساۋ يۇڭجۈن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان بولۇپ، بۇنى باھا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 367 مىڭ 100 يۈەن بولغان. ساۋ يۇڭجۈندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتۇش شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۇ گۇاڭجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇزاق مۇددەت ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. 2013 ـ يىلىدىن 2020 ـ يىلىغىچە، لۇ گۇاڭجۈن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان بولۇپ، بۇنى باھا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 62 مىڭ 600 يۈەن بولغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان مەلۇم «مۇزىكا بوشلۇقى» كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان. 2014 ـ يىلى 6 ـ ئايدىن 2019 ـ يىلى 11 ـ ئايغىچە، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىگىلىۋېلىپ، شەخسىي ئىشىغا ئىشلەتكەن. لۇ گۇاڭجۈندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تىپىك دېلو مىساللىرىدا، بەزىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان، بەزىلەر باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، بەزىلەر ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار بىردەك پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. يۇقىرى بېسىم ئاستىدا يەنىلا ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشتەك بۇ تىپىك دېلو مىساللىرى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ دەرەخ ئۆرۈلسىمۇ يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى، جاھىل، مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، جەزمەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىدىن ئىبارەت بۇ پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق ئاساسىي رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق تەلەپنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر سۇبيېكتلىق ئېڭى، ئاساسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئاساسلىق تۇتقا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇشى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار دېلودىن چوڭقۇر ئىبرەت ئېلىپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ ئېغىر خەۋپىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەۋىلىك قارىشى، ئىنتىزام ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاپ، چىرىتىشنى رەت قىلىش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاينىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ كۆپ ھاللاردا يەپ ـ ئىچىش، ئويۇن ـ تاماشىغا بېرىلىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردىن باشلاپ تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇپ، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈگۈن نۇقتىسىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە قارىتا، تەربىيە بېرىش، ئەسكەرتىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، قاتتىق تەكشۈرۈپ تېز بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار، مۇھىم ھالقىلار، نۇقتىلىق سورۇنلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «بايرام كېسىلى»دىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. تۈگۈن نۇقتىسىنى نازارەت قىلىش بىلەن بايرام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پاكلىق مەدەنىيىتى تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن ئاساسنى پۇختىلاپ روھ يېتىلدۈرۈپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك ـ دۇرۇس بولۇشتەك يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈپ، ھەم پولاتتەك ئىنتىزامنى تېخىمۇ چىڭىتىشى، ھەيۋىسىنى كۆرسىتىشى، ھەم كادىرلارنى سەگەكلەشتۈرۈشى، چەكتىن ھالقىپ كەتمەيدىغان قىلىشى كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزىتىش بىلەن ئۈلگە تىكلەشنى تەڭ قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كېتىشتەك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىشنىڭ ئارقىسىدىكى مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش، ئارىغا ئادەم قويۇپ ئىش بېجىرىش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ بايقاپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى قاتتىق توسۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەنئەنىنى يېڭى مۇساپىگە باشلاپ كىرىشى، ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.