تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز

日期:2022年12月27日
来源:天山网
【字体:

− مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئەمدىلا ئاياغلاشقان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشىمىز، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىزنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلىدى. تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتىمىز

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باشتىن ـ ئاخىر يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش.

«بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى قۇربانجان قۇتلۇق مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا يەتتە يىل ھوسۇلنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاماق قاچىسىنى قولىمىزدا مەھكەم تۇتتۇق. «كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ۋە ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، تىرىشىپ داننىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ».

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق قارىدى: جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش شەرت. ھازىر، شىنجاڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، خاس كەسىپلەر توپى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

گۇچۇڭ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئىلغار ناھىيە بولۇپ، ھەر يىللىق بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى مىليون مو ئەتراپىدا. «بىز ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەرنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىشتىن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.» گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ شياۋگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: گۇچۇڭ ناھىيەسى كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىلمىي تېرىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق تېرىشنى سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى گۈللەندۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى دىلشات سايىم مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇ ۋىلايىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈپەت، ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاشلىق، پاختا، باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتىدۇ؛ كۆلەم، سۈپەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەككە دېھقان ئائىلىلىرىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، ياخشى تۈرتكە بولىدۇ؛ بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن كېڭەيتىدۇ.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى.» خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ خۇا مۇنداق دېدى: بىز يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، تۈرلۈك ياردەم قىلىش ـ يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، بىخەتەر تۇرالغۇ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ سەۋىيەسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم قىلىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى دائىملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەنت، پۈتۈن يېزا بويىچە قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.

«<بەشنى گۈللەندۈرۈش> ئايرىلماس ئورگانىك گەۋدە، بۇنىڭدىكى مەقسەت دېھقانلارنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.» چۆچەك شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى تاڭ لىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، چۆچەك شەھىرى «باشلامچىنى يېتىشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى يۇقىرى ساپالىق قىلىپ تەربىيەلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان، بىر تەرەپنى يېتەكلىيەلەيدىغان، بىر دائىرىگە تۈرتكە بولالايدىغان يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىكى باشلامچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىدۇ، «بىز يەنە <سىياسەت +ماھارەت + تۈر> بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش ـ يۆلەش شەكلىنى قوللىنىپ، يېڭىچە دېھقانلار ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمىز».

يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىمىز

«پەن ـ تېخنىكا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى يۈ چىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا توغرىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىيو سورت يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن تەتقىقات سۇپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ. «بىز يەنە تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىمىزنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ياش مۇتەخەسسىسلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن ـ تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىمىز» دېدى يۈ چىڭخۇي.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە زۆرۈر شەرتى، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق ـ گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنى. بۇ، بۇرچىن ناھىيەسى چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۆكەن يىماشنى ئىنتايىن روھلاندۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى كەنتتىكىلەرنى ساياھەتنىڭ <ئالتۇن تاماق قاچىسى>غا ئىگە قىلدى، ھازىر كەنتىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشتى، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىككە تايىنىپ بېيىش ئىدىيەۋى قارىشى كۈچەيدى، بۇنىڭدىن كېيىن كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!»

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى پاچچەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شاڭ جۈنخۇا مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» تەلىپىگە ئاساسەن ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، «يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش» نىشانىنى كۆزلەپ، يېزاكەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنى ئۆز جايىدا زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يى، جاۋ شىيا، ۋېي يۇڭگۇي، جاڭ جىلى، پەرىزات ئابدۇل، شيې خۇيبيەن، جاڭ تىڭ، ياڭ شۇخەن، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن شيا)