ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما كېسەل كۆرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە

日期:2022年12月26日
来源:天山网
【字体:

كېلەر يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يۆتكىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىمۇ ئىلگىرىكى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئايرىش، نۇقتىلىق ھالدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىلغان ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى يولغا قويۇشقا ئۆزگەردى. ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما كېسەل كۆرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 24 كىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 2 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتى 265، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىنغىنى 254، تەسىس قىلىش - ئېچىش سۈرئىتى %95.85 بولۇپ، 889 ئېغىز قىزىتما كېسەل كۆرۈش ئۆيى، 4643 كۆزىتىش كارىۋىتى تەسىس قىلىندى؛ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتى 1086، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىنغىنى 1020، تەسىس قىلىش سۈرئىتى %93.92 بولۇپ، 1165 ئېغىز قىزىتما كېسەل كۆرۈش ئۆيى، 2324 كۆزىتىش كارىۋىتى تەسىس قىلىندى.

ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى (كېسەل كۆرۈش ئۆيى) قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما كېسەل كۆرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ، ھەرقايسى جايلار پائال مەبلەغ توپلاپ، دېزىنفېكسىيەلەش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما كېسەل كۆرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ئۈسكۈنە ۋە دورىلارنى تولۇق، ياخشى سەپلەپ، مۇناسىپ تېببىي خادىملارنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، كېلەر يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما كېسەل كۆرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ھەرقايسى جايلاردىكى 2 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار ۋە شارائىتى بار ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى (كېسەل كۆرۈش ئۆيى)نى تەسىس قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەسىس قىلىش، ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېچىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مۇسبەت چىققان يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى سەۋەب قىلىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ياكى كېسەل كۆرۈش ئۆيىنى خالىغانچە تاقىۋېتىشكە بولمايدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى سەھىيە - ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ئۆز مەيلىچە تاقاپ قويۇپ، كېسەل كۆرۈشنى توختىتىش مەسىلىسى بايقالغان ھامان دەرھال تۈزىتىشى كېرەك.