ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

日期:2022年12月26日
来源:天山网
【字体:

ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

ئەركىن تۇنىياز ئالدى بىلەن ئۆتكەن بەش يىل ۋە بۇ يىلدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ئەھۋالى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ۋە 2023 - يىللىق خىزمەت ئومۇمىي ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ياخشى تەييارلاش كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆپچىلىك ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئامما بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

14 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرى، ئوقۇتقۇچى، كارخانا خىزمەتچىسى، دېھقان، پەن - تېخنىكا خادىمى، سەھىيە خىزمەتچىسى، قانۇنشۇناسلىق خىزمەتچىسى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا بەس - بەستە سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەرقايسىسى ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ساھە ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، كەسپىي مائارىپتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئورۇنلۇق، قىممىتى بار، ئاساسىي قاتلامغا يېقىن بولغان پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بىز «خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئۈچۈن» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ھەر مىللەت ئامما ئويلاۋاتقان، ئۈمىد قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەت قىلىپ، كۆپرەك چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىنى، كۆپرەك پىكىر - تەكلىپ بېرىشىنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ ساداسىنى كۆپرەك ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىلى، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرگە قاراپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۈچەشكە ئاتلاندۇق. 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىقتىسادنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى. بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

چېن ۋېيجۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.