يېڭى مۇساپىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بىرلىكتە ئاتلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، كارخانىلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈش. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، كارخانىلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خىزمەت ۋەزىپىسىدە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

«ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش.

«<ئىككىنى تىكلەش> پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى، پارتىيەنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ زور كاپالەت.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئابستراكت ئەمەس، بەلكى كونكرېت بولۇپ، جەزمەن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا ئاساسەن، ئىستراتېگىيەنى مۇھاكىمە قىلىش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىمىز.

«<ئىككىنى تىكلەش> يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زوۋ يىۋېي مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەقىل ـ پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىمىز.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە <ئىككىنى تىكلەش>نىڭ سىياسىي تەلىپىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، بۇرچنى ئادا قىلىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات ـ سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۇڭ شيۇخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەمىنات ـ سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ۋە ناھىيە رايونى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تەمىنات ـ سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال سۇپىغا ئايلاندۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق ـ گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى چىڭ كۆزلىنىپ، 17 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش «يول خەرىتىسى» ئېنىق تەسۋىرلەندى، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

قانۇنچىللىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەردە باش ئورۇنغا قويۇلدى. «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھە، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشنى تىرىشىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلاندۇرىمىز.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش شەرت. ئومۇمىي يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىكىم ئېزىز مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ۋە سەنئەت كۆرگەزمىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ يېتەكلەش، تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرىمىز».

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق خىزمەت پىكىر يولىمىز بارغانسېرى روشەنلەشتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىشەنچ ۋە كۈچ قوبۇل قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جىخۇا مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر ـ يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئومۇمىي خەلق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان داۋالىنىش كاپالىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز.

ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئاندىن گۈللەندۈرۈش يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ چىققىلى، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن تارىخىي يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتقىلى بولىدۇ.

«بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جۇڭكۇەن مۇنداق دېدى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش پىرىنسىپى بويىچە، نېفىت خىمىيە سانائىتىدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى. «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مەۋقە قىلىپ، ھازىرقى كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، بىز ئاروماتىك ھىدروكاربون خاس كەسىپ زەنجىرى ۋە يېنىك ھىدروكاربون خىمىيە سانائىتىدە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.» جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى خۇ مۇنداق دېدى: «تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش»، نېفىت خىمىيە سانائىتى تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتىكى يېڭى تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركىتىمىزنىڭ مېلامىن قۇرۇلمىسىنى سىناق قىلىش خىزمىتى جىددىي قانات يايدۇرۇلماقتا، بۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز ھەم تۆۋەن ئېقىن مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى تۈرى قۇرۇلۇش ئورنىدا بېتون يەتكۈزۈش پومپا ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. بۇ تۈر جۇڭگو بىناكارلىق ـ قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق ـ قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشتىكى نۇرغۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى شۈ ئەيجيې مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئىنتايىن روھلاندۇردى. «ئۇزاقتىن بۇيان، بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلاندۇق، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان تۈرلەر شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، قاتناش تورى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، يېڭى ساھەلەرنى داۋاملىق ئېچىپ، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق <بىر بەلباغ، بىر يول>نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز».

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، گو لىڭ، ما يىنىڭ، يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ يۈن)