كەنتتە «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» بار بولغاندىن كېيىن

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ

«شياۋئەي، بۇ يىل ئىككىڭلار تېرىغان پاختىنىڭ ھوسۇلى قانداقراق؟» 11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دەل پاختا سېتىش مەزگىلى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى پاختىكار لى خەيلۇڭ كەنت بېشىدىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»كە كېلىپ، كېۋەزلىكنىڭ بۇ يىللىق پاختا كىرىمى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

ئەي خەيپېڭ بىلەن لىڭ لېي ئىككىيلەن تېرىپ پەرۋىش قىلغان «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نىڭ ھەر مو يەردىكى پاختا ھوسۇلىنىڭ 400 كىلوگىرامدىن ئاشقانلىقىنى بىلىپ لى خەيلۇڭ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ ئىككى يىگىتكە كېۋەزلىكتىكى ھەربىر «قارا پەن ـ تېخنىكا»نى ئۆزىگە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشنى ئېيتتى.

يېرى شورلۇق، ئادىمى شالاڭ بولغان «ئۈچكە تايىنىدىغان كەنت»تىن يىراق يېقىنغا داڭلىق «چولپان كەنت»كىچە، داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كېۋەز تېرىش يولىدا يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان غەيرەت ـ شىجائەتكە تولدى. داشى كەنتىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 58 مىڭ مو بولۇپ، كېۋەزلىكنى تېرىش، پەرۋىش قىلىشتا كۆپ يىل ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئەندىزىسىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى ماشىنىلاشقان ئەندىزىگىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى. دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى ئادەم تېرىپ پەرۋىش قىلىدىغان تۇنجى 3000 مولۇق «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» تۈرى داشى كەنتىگە ماكانلاشقاندا، دەرھال كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇشنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن <دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك>كە بېرىپ ئۆگەندى.» شىڭپىڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۈزەلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: بىز «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نى ئادەمسىز باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئەتراپىمىزدىكى بۇ جانلىق دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پاختىكارلارنى يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز، يېتەكلەيمىز.

داشى كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى لى يۇڭچيەن 500 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، ئۇ ئەڭ باش قاتۇرىدىغان ئىش شۇكى، كېۋەز تېرىغان مەزگىل ۋە مايسا ئۈنۈپ چىققان مەزگىلدە بوران سولياۋ يوپۇقلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىپ، كېۋەز مايسىلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ھوسۇلنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تە «كېۋەز بىلەن بۇغداينى ئايرىپ تېرىپ» بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، لى يۇڭچيەن ناھايىتى تېزلا سىناق قىلىشقا كىرىشتى.

«3 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سولياۋ يوپۇق يېپىپ بۇغداي تېرىيمىز، 4 ـ ئاينىڭ بېشىدا ئاندىن كېۋەز تېرىيمىز، بۇ چاغدا بۇغداي مايسىسى ئون سانتىمېتىردىن ئارتۇق بوي تارتىپ، كېۋەز مايسىسى ئۆسۈۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلدە بوران ۋە سوغۇققا تاقابىل تۇرىدىغان تەبىئىي <ئېھاتە ئورمان>غا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل تېرىقچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق، بۇ يىل مەن تېرىغان كېۋەزنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 400 كىلوگىرامدىن ئاشتى» دېدى لى يۇڭچيەن.

لى يۇڭچيەنگە ئوخشاش تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كېۋەز تېرىشتا «پىشقان ماھىر» بەي لىجۈن ئادەمسىز باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆگىنىشنى باشلاپ، ئالىقاندا دېھقانچىلىق قىلىشنى سىناپ باقتى. بەي لىجۈن داشى كەنتىدە 800 مو يەردىكى كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالدى، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى دەسلەپكى گۇمان تۈگەپ ئەگىشىپ ئۆگىنىدىغان بولدى.

پاختا يىغىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەي لىجۈن ھېسابات قىلىپ باقتى: «تېرىش، پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، 100 نەچچە مىڭ يۈەن چىقىم تېجەپ قېلىندى، سۇ، ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىمۇ ئازايدى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەر مو يەرنىڭ تەننەرخى 200 يۈەن ئەتراپىدا ئازايدى».

«كېلەر يىلى مەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ كېۋەز تېرىپ، تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا پەرۋىش قىلىپ، تېرىش تەننەرخىنى داۋاملىق تۆۋەنلەتمەكچى. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئائىت بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىرىمىمىز بارغانسېرى ئېشىپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى گۈزەللىشىدۇ.» بەي لىجۈننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، داشى كەنتىدە يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىغا قىزىقىدىغان كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم مۇسا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز ئەۋلادمۇئەۋلاد كېۋەز تېرىپ، ئىزچىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىپ كەلگەن، ھەر يىلى ئالدىراش چاغلاردا، بىر ئائىلىدىكى بەش جان ھەممىمىز ئېتىزغا چىقاتتۇق، ياخشى بولغاندا بىر يىلدا 70 ـ 80 مىڭ يۈەن پۇل تاپاتتۇق. يېڭى تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، كېۋەز تېرىساق ھارمايدىغان بولدۇق، كىرىمىمىز تېخىمۇ ئاشتى».

كەنت ئاھالىسى ئوسمان نۇرۇللا ئائىلىسى 257 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، بۇ يىل 400 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تىن ئىبارەت تېرىش، پەرۋىش قىلىش ئەندىزىسىنى قوللانساق، كىرىمىمىز يەنە تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، كېلەر يىلى سىناپ باقماقچى.

گۈزەلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: بىز كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، داشى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنى ئىزچىل «يانچۇقى توم، روھى كۆتۈرەڭگۈ» بولۇش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىمىز.