بايلىق ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قەشقەر، خوتەنگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى

بايلىق ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

جاڭ چۇنلىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 9 ـ نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 20 ماددىلىق ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قەتئىي كېچىكتۈرمەي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، بايلىق ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان رايونلارنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، ئايرىش بايلىقىنى تەييارلاش، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار بىلەن بىللە يىغىن ئېچىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

قەشقەر شەھىرىدە، ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ ئۆتتى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقاردى، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى ھەم قەشقەر داشۆ، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، كونا شەھەر ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، نۇقتىلىق رايون ۋە ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، «ئۈچتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقىلىش زەنجىرىنى يەنىمۇ تېز ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېڭىيىشىنى توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك. ئىخچاملاشقان قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەتچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە بايلىق، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي خەۋپ ـ خەتەر نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، يۇقۇم مەنبەسىنى تىزگىنلەپ، تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى يۆتكەش ۋە قوبۇل قىلىپ داۋالاش ـ ئايرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۈندە ئېنىقلاپ كۈندە بىر تەرەپ قىلىپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەش ئارقىلىق ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، خادىملار كۈچى قاتارلىقلارنى سەپلەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە خېسۇەن تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئاساسەن، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان ئىش ئورنىدىكىلەر، نۇقتىلىق خادىملارغا قارىتا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نەق مەيداندا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇسبەت چىققان يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقىغان ھامان دەرھال قوبۇل قىلىپ داۋالاپ، يېقىندىن ئۇچراشقان دەپ ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ۋاقتىدا باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش كېرەك؛ فاڭساڭ دوختۇرخانىسى، ئايرىش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئايرىشقا تېگىشلىكلەرنى تولۇق ئايرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باشقۇرۇش ـ مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خېسۇەن تەكشۈرۈش قېتىم سانى، دائىرىسى، يېقىندىن ئۇچراشقانلارغا ھۆكۈم قىلىش، خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان رايونلارنى ئايرىش قاتارلىق ئەلالاشتۇرۇش ـ تەڭشەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خادىملىرى قاتارلىق يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ھەمدە مەكتەپ، قۇرۇلۇش ئورنى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا قارىتا ساغلاملىقنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان خادىملار ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم يوق رايونلاردا ئادەم، ماددىي ئەشيا، مۇھىتتىن تەڭ مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئاممىنى ئويلاش، ئائىلىدە ئايرىش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى يېڭىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن ساقلىنىشى، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتتىق جېڭىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك؛ «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا، قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى، مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى، خېسۇەن تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە يېزا ـ كەنت، يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپتىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خادىملىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش، يۆتكەپ ئايرىش، داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش، يېزا ـ كەنتلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرما ـ تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» ۋە «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىش، ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىۋېتىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈك تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدە يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. تەشكىللەش ـ ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تېز» بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېز تاسقاپ تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تېز تەكشۈرۈش، تېز سۈرئەتتە «مۇسبەت چىققانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش تاكتىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئاپپارات ۋە ئورۇنلارغا قارىتا يۇقىرى سۈپەتلىك خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، تېز تەكشۈرۈپ، نەتىجىسىنى تېز چىقىرىپ، جەمئىيەتتىكى ئاغرىق مىساللىرىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەش، زاپاس ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەشۋىق ـ تەربىيە ۋە يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان، دۇڭ شىنگۇاڭ، ياڭ يۇڭ، ئېزىز مۇسا قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.