ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن بۇ قوشۇندىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياش

日期:2022年11月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇ دۇڭلىڭ

11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى سائەت 10دا، يۈ جۈنپېڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، پەلەي، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تاقىغاندىن كېيىن، 20 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى دېزىنفېكسىيەلەش تۇڭىنى يۈدۈپ، بىنالارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروبسىزلاندۇردى.

يۈ جۈنپېڭ شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يۈ جۈنپېڭ ۋە شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دۇڭشەنپو مەھەللىسىدىكى باشقا 19 نەپەر پارتىيەلىك كادىر بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتىدىكى 20 پارتىيەلىك كادىر ئاساسلىقى دۇڭشەنپو مەھەللىسى لىدىڭ شىنچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى 25 بىنادىكى 1000غا يېقىن ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى.

لىدىڭ شىنچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى 25 بىنادا 70كە يېقىن دەنيۈەن بولۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەندە، يۈ جۈنپېڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن 20 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تۇڭىنى يۈدۈپ 7 ـ قەۋەتكە چىقىپ، ئاندىن بىر قەۋەت بىر قەۋەتتىن تۆۋەنگە قاراپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ھەربىر قەۋەتنىڭ ھەممىسىدە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

نەپەسلەنگەندە چىققان ئىسسىق تىنىق بىلەن تەر يۈ جۈنپېڭنىڭ مۇداپىئە نىقابىدا بىر قەۋەت سۇ ھورىنى ھاسىل قىلدى، ئۇ 1 ـ بىنادىن چىققاندىن كېيىن، دەرھال 2 ـ بىناغا بېرىپ داۋاملىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى.

ھەربىر تەرتىپتە يۈ جۈنپېڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى تەلەپ بويىچە ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىپ، كېيىنكى خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «بىز بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن 20 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياش، گەرچە ياش بولساقمۇ، لېكىن ھەممىمىز ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان، شۇنداقلا ناھايىتى غەيرەتلىك.» يۈ جۈنپېڭ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قەيەر بىزگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىمىز».

بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن ئالىم ئايۇپ ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، بۇ يىل يېڭىلا پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرگەن ياش پارتىيە ئەزاسى. «بۈگۈن لىدىڭ شىنچېڭ ئولتۇراق رايونىغا 2000دىن ئارتۇق كۆكتات خالتىسى كەلدى، كۆپچىلىك ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى باشلىۋەتتى.» شۇ كۈنى ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى يۈ جۈنپېڭنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەنلا ئالىم ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى جىددىي ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.

تەقسىملەپ توشۇش ئاپتوموبىلىدىن بىر ـ بىرلەپ چۈشۈرۈپ، ئالىم ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىنا ۋە دەنيۈەن بويىچە توشۇپ، بىر ـ بىرلەپ دەنيۈەننىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويدى. ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىدىن ھەربىر دەنيۈەننىڭ ئىشىك ئالدىغىچە 100 قېتىمدەك بېرىپ ـ كېلىپ توشۇدى، بۇ، ئالىمنى تەرگە چۆمۈلدۈرۈۋەتتى، مۇداپىئە كىيىمىمۇ ھۆل بولۇپ كەتتى. چۈشتىن تارتىپ تاكى سائەت 20گىچە، ئالىم ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كۆكتات خالتىسىنىڭ ھەممىسىنى ئاھالىلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بولدى.

ئالىم مۇنداق دېدى: بىر يېڭى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىرىشىپ ئەتراپىمدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ، چېنىقىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىمەن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە چۈشكەندىن بۇيان، يۈ جۈنپېڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەر كۈنى ئاھالىلەرنى خېسۇەن تەكشۈرۈشى قىلدى، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملاپ يەتكۈزدى، بىنالارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى، ئەخلەتلەرنى يىغىپ تۆكتى. گەرچە قوللىرى قاپىرىپ تېرىلىرى سويۇلۇپ كەتسىمۇ، پۇتلىرى سۈركىلىپ قاپارتمىلار ئۆرلەپ كەتكەپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ ھېرىپ چارچىدىم دېمەي، ئۈن ـ تىنسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە ئۆز كۈچىنى قوشتى.