بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشتا ساقلىغىلى بولىدىغان كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى مىليون مودىن ئاشتى

日期:2022年11月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە (يەرلىك) كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىليون 940 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەسەي، سەۋزە، چامغۇر قاتارلىق قىشتا ساقلىغىلى بولىدىغان كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 50 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، پىلاندىكى كۆلەمدىن 200 مىڭ مودىن كۆپرەك ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆكتات، بولۇپمۇ كۈز، قىش پەسلىدىكى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسكەن.

يېقىنقى مەزگىلدە، توققۇزتارا ناھىيەسى دۆڭمەھەللە بازىرى ئويتام كەنتىدە تېرىلغان غولپىيازلار ئارقا ـ ئارقىدىن پىشتى، شۇ جايدىكى دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يىغىۋېلىشنى باشلىغان بولۇپ، قىش پەسلىدە يەر توڭلاپ كېتىشتىن بۇرۇن يىغىۋېلىش خىزمىتىنى تاماملاشقا تۇتۇش قىلدى. ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى داچۈەن كەنتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى كۆكتات پارنىكىدا شوخلا، موگۇ، لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، شۇ جايدىكى كۆپ تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇپ، يېشىل يول ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئۇچنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كۆكتاتلارنىڭ ۋاقتىدا پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېتىزلاردىكى كۆكتاتلارنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش ۋە كېسەللىك ـ ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا يىغىپ بازارغا سېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ كۈزلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، ھەرقايسى جايلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېڭىزغا كۆكتات تېرىشتىكى چەكلىك بولغان كۆزنەك مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، تېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇغداي ئورۇلۇپ بولغان ئېتىز ۋە ھويلا ـ ئارانلاردىكى بوش يەرلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى قىشتا ساقلىغىلى بولىدىغان كۆكتاتلارنى تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق كۆكتات بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. كۆكتات تېرىش (كۆچۈرۈپ تىكىش)، ھوسۇل يىغىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق دېھقانچىلىق مەزگىللىرىدە، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كۆكتات ھوسۇلىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قىشلىق كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەسلىھەلىك كۆكتات تۈرى ئوندىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىن جەمئىي 30نى، يېزا دەرىجىلىك مايسا يېتىشتۈرۈش سېخىدىن 120نى يېڭىدىن قۇرۇپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئۆزئارا جىپسىلاشقان، مۇكەممەل يۈرۈشلەشكەن كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.