ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ھەل قىلدى

日期:2022年11月12日
来源:天山网
【字体:

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ ياكى تىيانشان تورىغا چىقىپ، سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە كىرسىڭىز بولىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن

«مەن <ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش> سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئالاقىدار ئىلتىماس ـ تەلىپىمنى ئىنكاس قىلغانىدىم، كىملىكنى ناھايىتى تېزلا بېجىرىۋالدىم، مەھەللە خەلق ساقچىسىمۇ تولۇقلاپ بېجىرگەن كىملىكنى ئۆيۈمگە ئەكېلىپ بەردى، مۇلازىمىتىدىن قەلبىم ئىللىدى.» 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، تولۇقلاپ بېجىرگەن كىملىكنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئەدىنە غەيرەت فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتىنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئامما توردا سۆز قالدۇرۇش، 12345 مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى خەلققە قولاي قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىش، ئالاقىدار تارماقلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ئاكتىپ ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ھەل قىلدى.

ئەدىنەنىڭ كىملىكىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قالغان بولغاچقا، كىملىكىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى، يېقىندا، ئۇ «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىدا ياردەم تەلەپ قىلدى، «قالدۇرۇلغان سۆزۈم يوللانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، كونكرېت ئەھۋالنى سورىدى ھەم ئىلتىماس ـ تەلىپىمنى بېجىرىش ئورۇنلىرىغا يوللىدى.» ئەدىنە مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى كوچىسى شىنخۇا مەھەللىسىنىڭ خەلق ساقچىسى مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېزدىن بېجىرىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «ئىككى كۈندىن كېيىن، مەھەللە خەلق ساقچىسى بېجىرىلگەن كىملىكىمنى ئۆيۈمگە ئەكېلىپ بەردى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم».

«مەھەللە كادىرلىرىنىڭ تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرىغا كېچىلەپ بېرىپ دورىنى ئەكېلىپ بېرىشى بىلەن، دادامنىڭ مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىنى داۋالايدىغان جىددىي كېرەكلىك دورىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.» 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) خۇامېي ۋېنشۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ياڭ چىڭچىڭ مۇنداق دېدى: دادام مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكتىن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، ھازىر دورا بىلەن داۋالىنىۋاتىدۇ. يېقىندا مەن دادام ئۈچۈن توردىن سېتىۋالغان دورا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر رايونىدىكى بىر ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرىدا تۇرۇپ قالغانىدى.

ياڭ چىڭچىڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دورىنىڭ نامى ۋە تالون نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى، خىزمەتچى خادىملار مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان تېز يوللانما پوسۇلكىلىرى ئارىسىدىن ئۇ سېتىۋالغان دورىنى ئىزدەپ تاپتى، ئەمما يۇقۇم سەۋەبىدىن ئولتۇراق رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئامالسىز قالدى. ياڭ چىڭچىڭ دەرھال تەۋەلىك رايونىدىكى قەشقەر شەرقىي يولى كوچىسى ۋېنشۈەن مەھەللىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى، «مەھەللە كادىرى يەن شياۋشىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرىنىڭ كونكرېت ئادرېسىنى سورىغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرىغا بېرىپ دورىنى ئېلىپ ئۆيۈمگە ئەكېلىپ بەردى، مۇلازىمىتى ناھايىتى ئەتراپلىق بولدى».

«مەن غۇلجا شەھىرى دادامتۇ بازىرى تۆۋەنكى نوغايتۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تيەن يۇڭچياڭنى تەرىپلەيمەن، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قىزىمنىڭ قىشلىق كىيىم ـ كېچىكى كەم بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.» 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ ئاھالىسى جاڭ جىڭجىڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئالتە ياشلىق قىزىم تۆۋەنكى نوغايتۇ كەنتىگە بېرىپ بوۋىسى، مومىسى بىلەن بىللە تۇرغانىدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن قىزىم قايتىپ كېلەلمىدى. 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشى بىلەن، قىزىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان جاڭ جىڭجىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 12345 مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى خەلققە قولاي قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلدى، «مېنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپىمدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، تيەن يۇڭچياڭ شۇجى مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، پائال تۈردە ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چازا نۇقتىسىغا بېرىپ بالامنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىنى ئېلىپ، شۇ كۈنىلا يەتكۈزۈپ بەردى».

«ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرى بولسا، بىز بىرىنچى ۋاقىتتا بارلىق ئاماللار بىلەن ھەل قىلىپ بېرىمىز.» تيەن يۇڭچياڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، مەن ھەر كۈنى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىگە ئالاقىدار تېلېفونلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، ئاساسلىقى ئۆيىدە ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، كۆكتاتلارنىڭ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇققان قىيىن مەسىلىلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ، ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى ھەل قىلىندى.

شىخۇ شەھىرى شىچاۋ يېزىسى تيېجيازى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فېڭ يەنشېڭ كۆكتاتلىرىنىڭ سېتىلماي قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كادىرلارنىڭ كۆپ تەرەپ بىلەن ماسلىشىشى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 250 توننا كۆكتاتلىرى سېتىپ چىقىرىلدى؛ غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى رېن ئەپەندى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئىنكاس قىلدى، تەۋەلىكتىكى بېيجىڭ يولى كوچا باشقارمىسى ۋۇتۇڭ لىجىڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرلىرى ياردەملىشىپ ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى؛ ئۈرۈمچىدىكى «تەقدىرلەش خېتى» ناملىق بىر تورداش داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلدى، تەۋەلىكتىكى شىمىگۇ رايونى شۇيتاشەن كوچا باشقارمىسى خۇايۇەن مەھەللىسىنىڭ كادىرلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا ئېلىپ باردى؛ «شىنلى مەھەللىسى ئاھالىسى» ناملىق بىر تورداش دادىسىغا جىددىي دورا سېتىۋېلىش ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىنكاس قىلدى، تەۋەلىكتىكى ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ كوچا باشقارمىسى شىنلى مەھەللىسىدىكى كادىرلار ياردەملىشىپ ئېھتىياجلىق دورىلارنى سېتىۋالدى... ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاممىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلغان ئالاقىدار ئىلتىماس ـ تەلەپلىرى تەۋەلىكتىكى مەھەللە(كەنت) ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئىشلار ھەل قىلىندى.

ئۈرۈمچىدىكى «ئاڭ» ناملىق بىر تورداش «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە مۇنداق سۆز قالدۇردى: «مەن سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە كۆكتات خالتىسى، گۆش خالتىسى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، تۇخۇم، سۈت تەمىناتى مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىلدە تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۈچ كۈندە ئىككى قېتىم كۆكتات خالتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بەش كۈندە ئىككى قېتىم سۈت، قېتىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يەردە مەھەللە كادىرلىرىنى تەرىپلەيمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن، مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، كۆپچىلىك ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە دوستلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئەندىزە بىلەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە چاقىرىق قىلىمەن».