پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمەن

日期:2022年11月12日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل نيې جۇاڭ:

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەينەن، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىشىمىز كېرەك.» پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نيې جۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە، قەشقەر ۋىلايىتى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇقۇم دائىرىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى پۇقرالار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان قىلىپ ئېنىق سۆزلەش، چۈشىنىشلىك سۆزلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىدۇ.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نيې جۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش، بولۇپمۇ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.» نيې جۇاڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا، بىخ ھالىتىدە ۋاقتىدا تۈگىتىمىز.

بۇ يىل 2 ـ ئايدا، گوۋۇيۈەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى بولۇشىنى تەستىقلىدى، بۇ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلاشقان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى سىياسەت پايدىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە قەشقەرنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەردىن پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت، بېلگىيەنىڭ ليېژى، پاكىستاننىڭ لاھۇرغىچە بولغان تۆت خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە «تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە»دىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنمەكتە.

نيې جۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايىتى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى تايانچ نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقى ۋە قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك.» نيې جۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايىتى ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، ئامما خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان، قاتنىشىش قولايلىق بولغان شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، مول دەۋر خاسلىقىغا ئىگە، ئەمەلىيەت تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ھەم قائىدە ـ تەرتىپكە، سالماققا ئىگە قىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۈنۈمنى كۈچەيتىدۇ.