يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن

日期:2022年11月12日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل خاۋ شياڭلى:

يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

بۇ بىرنەچچە كۈندە، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چاغانتوقاي ناھىيەسى جېڭىس يېزىسى جېڭىس كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خاۋ شياڭلى تارباغاتاي ۋىلايىتى ئۆتكۈزگەن «پارتىيە ۋەكىللىرى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش» تېمىسىدىكى بىۋاسىتە تارقىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، قۇرۇلتايغا قاتناشقاندىكى تەسىراتىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ قەلبىدىكى ھاياجېنىنى يەنىلا باسالمىدى: «ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، ھەسسىلەپ روھلاندىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم».

«ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك.» خاۋ شياڭلى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «نېمىنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش، قانداق قىلىش»نى چۆرىدەپ، جانلىق، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاپ كەلدى.» ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خاۋ شياڭلى مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى جېڭىس كەنتىنىڭ خاس، ئەۋزەل بايلىقىغا قويۇپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى كەسپىدە ئىچكى جەھەتتە يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تاشقى جەھەتتە بىرىكمە كۈچ توپلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاس باقمىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكولوگىيە مەھسۇلات قىممىتىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باياشات بولۇش، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېڭىس كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.» خاۋ شياڭلى مۇنداق دېدى: ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ئىشلەشتە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساس، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئاچقۇچ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلاپ، كۈچلۈك پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ خەلق رايىنى ئىگىلەش، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ زىددىيەتنى تۈگىتىش، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئۆزگىرىشنى كۆرۈش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خاۋ شياڭلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنى يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەردە قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە قوزغىتىمەن.

خاۋ شياڭلى مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، يېزا ـ كەنت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى ئۆزگىرىشنى كۆرۈش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.