پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تارقاتقۇچى، ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن

日期:2022年11月12日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل كوۋ شياۋيەن:

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تارقاتقۇچى، ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئۆگىنىش خاتىرىسىنى رەتلەش، لېكسىيە تېزىسى يېزىش، توردا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش... پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 ـ شى ئارال شەھىرى 10 ـ تۇەن 13 ـ ليەننىڭ خىزمەتچىسى كوۋ شياۋيەن بۇ بىرنەچچە كۈننى ناھايىتى ئالدىراش ئۆتكۈزدى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ بېرىپ، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» كوۋ شياۋيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تارقاتقۇچى، ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار كوۋ شياۋيەننى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى. 2015 ـ يىلى، كوۋ شياۋيەن دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ، ئارال شەھىرى جىنشيۇ جيايۈەن مېۋە ـ كۆكتات ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك، خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقانلار 130 نەچچىگە يەتتى، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 35 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى.

«يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى! پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چۆمۈلۈپ ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق» دېدى كوۋ شياۋيەن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا.

بۇ يىل 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل، بەختلىك ماكان قۇرۇپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. «جاراڭلىق سۆز، سەمىمىي تاپشۇرۇق كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بىز تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى كوۋ شياۋيەن.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.

«مەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە يۈزلىنىپ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئۆز جايىمىزنىڭ خاس بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئۇنى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىدىغان، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان كۈچلۈك تۈرتكىگە ئايلاندۇرىمەن» دېدى كوۋ شياۋيەن.