باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، تەبرىك خېتىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

日期:2022年11月12日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، تەبرىك خېتىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، «سۇلۇق يەر ئەھدىنامىسى» 14 ـ نۆۋەتلىك ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول »نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق كەچلىك زىياپىتى، 2022 ـ يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى قاتارلىقلارغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە» «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇپ، ئىمتىيازغا بېرىلمەي، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەردە، كۈرەش قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈش، پەرق ئېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئادەم تاللاش ـ ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان رەھبىرىي كادىرلارنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە، ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىقتىدارلىقلارنى ئۆستۈرۈش، مۇنەۋۋەرلەرنى مۇكاپاتلاش، ئىقتىدارسىزلارنى چۈشۈرۈش، ناچارلارنى شاللاشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىنى يېڭىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشتى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.6 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشنى ساقلىدى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، سۈرئەتنى تۇتۇش، زىياننى تولۇقلاشقا كۈچەپ، ئىقتىسادتا مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، خام ئەشيا، ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى قىيىنچىلىقلارنى سىجىل ھەل قىلىش كېرەك؛ كۈزلۈك، قىشلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقنى يىغىۋېلىش ۋە قىشلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇل كۆزلىمە نىشانى ۋە 2023 ـ يىللىق كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پاختا يىغىش، سېتىش، ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، چارۋا مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك؛ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر، خام نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 70 مىليون توننىغا تىرىشىپ يەتكۈزۈپ، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى 30 مىليون 800 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇش، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى 41 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 15 مىليون كىلوۋات ئورۇنداش، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق، نۇقتىلىق كەسىپ قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە زاپاس ساقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.08 ھەسسە ئېشىش، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى ۋە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن گاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم %4.3 ۋە %3.4 ئېشىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ 51 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشكە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيە قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 3 ـ يولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىستېمال تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى ياخشى تۇتۇپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، 2 مىليارد 850 مىليون يۈەن تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش مەبلىغىنى تارقىتىش ئاساسىدا، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مىللەت ـ دىن، ئىدېئولوگىيە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ـ تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.