ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈن يىلدا كۆكتات تېرىلغان كۆلەم 3 مىليون 940 مىڭ موغا يەتتى، قىشتا ساقلايدىغان كۆكتات تېرىلغان كۆلەم 1 مىليون مودىن ئاشتى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستى

日期:2022年11月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا (يەرلىكتە، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) كۆكتات تېرىلغان كۆلەم 3 مىليون 940 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىشلىق بەسەي، سەۋزە، چامغۇر قاتارلىق قىشتا ساقلايدىغان كۆكتات تېرىلغان كۆلەم 1 مىليون 50 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، پىلاندىكى كۆلەمدىن 200 مىڭ مودىن ئارتۇق ئاشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆكتات، بولۇپمۇ كۈز، قىش پەسلىدە كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسكەن.

11- ئاينىڭ بېشىدا، ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى چېڭجياۋ غەربىي كەنتىدە كۆكتاتچىلار ئېتىزلىقتا كۆكتات يىغماقتا. سۈن جىكۇن فوتوسى

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، توققۇزتارا ناھىيەسى دوڭمەھەللە يېزىسى ئويتام كەنتىدە تېرىلغان سۇڭپىياز ئارقا- ئارقىدىن پىشتى، شۇ جايدىكى دېھقانلار يۇلۇش، ئاقلاش، باغلاشنى چىڭ تۇتۇپ، قىش پەسلىدە مۇز تۇتۇشتىن بۇرۇن يىغىش خىزمىتىنى تاماملاشقا ئالدىرىدى. ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى داچۈەن كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ كۆكتات پارنىكىدا، شوخلا، موگۇ، لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خوشال قىلاتتى، شۇ جايدىكى كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، يېشىل يول ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كۆكتاتلارنىڭ ۋاقتىدا ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك- يېزا تارماقلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېتىزلىقتىكى كۆكتاتلارنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش ۋە كېسەللىك- ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كۆكتاتلارنىڭ ۋاقتىدا يىغىلىپ بازارغا سېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ كۈزلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېڭىزغا كۆكتات تېرىشنىڭ چەكلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇغدىيى ئورىۋېلىنغان ئېتىزلىق ۋە ھويلا- ئاراندىكى بوش جايلاردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى قىشلىق بەسەي، چامغۇر قاتارلىق قىشتا ساقلايدىغان كۆكتاتلارنى تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، قىش، ئەتىياز پەسلىدە كۆكتات بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. كۆكتات تېرىش (كۆچۈرۈپ تىكىش)، ھوسۇل يىغىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق دېھقانچىلىق ۋاقىتلىرىدا، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1- سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆكتات ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قىش پەسلىدە كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەسلىھەلىك كۆكتات تۈرىدىن چەيزە، شوخلا، پالەك قاتارلىق 10 نەچچىسى بار. پۈتۈن شىنجاڭدا ناھىيە دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىن جەمئىي 30ى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، يېزا دەرىجىلىك مايسا يېتىشتۈرۈش سېخىدىن 120سى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئۆزئارا تۇتاشقان، تولۇق يۈرۈشلەشكەن كۆكتات ئۇرۇقى، مايسىسى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى تەدرىجى ئورنىتىلىپ، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.