ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ يۈرەك ساداسى | رىيزا باغدۆلەت: ئارزۇغا ئىنتىلىپ، پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەش!

日期:2022年11月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چاۋجى

11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جېمىنەي ناھىيەسى جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا جېمىنەي بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى، سارى ئۆلەڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىيزا باغدۆلەت كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

«پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، <يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.> بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، سارى ئۆلەڭ كەنتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولى يېڭى يول ئېچىش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىگە يېتىپ كەلدى، بىز پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، مەۋقەنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك» دېدى رىيزا.

 رىيزا باغدۆلەت (سولدا) ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ھېسابلىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

  مەخپەل ئۇمىرزاق فوتوسى

سارى ئۆلەڭ كەنتى «جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىدىكى بىرىنچى كەنت» دەپ تەرىپلەنگەن. 2007-يىلى، رىيزا داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى قارار قىلىدۇ ھەمدە داشۆ پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى بولىدۇ. 2016-يىلى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا، ئۇ يۇقىرى بېلەت بىلەن بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىنىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سارى ئۆلەڭ كەنتىدىكى ئاددىي-ساددا، ئاق كۆڭۈل، قىزغىن كەنت ئاھالىلىرى رىيزانى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپ كەلدى، رىيزامۇ چىن ھېسسىياتى بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئاممىنى بېيىش يولىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، سارى ئۆلەڭ كەنتى توپىلىق يولدىن ئاسفالت يولغىچە، كېسەك ئۆيلەردىن ئازادە، يورۇق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرگىچە سۇ، توك، پار ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئاممىنىڭ داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولغان خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بېيىش يولىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، رىيزا كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەرنى باشلاپ بېيىش كەسپى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش، قىزىل ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنى ئاشۇردى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى سىجىل تومپايتتى.

رىيزا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، سارى ئۆلەڭ كەنتىمىز نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن جەمئىي 14 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە دەل جايىدا نەقلەشتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن 29نى يولغا قويدۇق. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئاممىنى خاس ساياھەتچىلىك، خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2014-يىلىدىكى 3000 يۈەنگىمۇ يەتمەسلىكتىن 2022-يىلىدىكى 18 مىڭ 600 يۈەنگە كۆپەيدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى