خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىمىز

日期:2022年11月10日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدىكىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدىكىلەر تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئورتاقلىشىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىمىزگە ئىشىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

مەدەنىيەت - سەنئەت ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەدەنىيەت - سەنئەت يۇرتلىرى، ئۆمەكلىرى پائال تۈردە ئىجادىيەت نەزەرىنى يېزا - كەنتلەرگە قارىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن بىر تۈركۈم تىپىك شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاشقا تەييارلىق كۆردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» «شۇييۈن دەنچىڭ» قاتارلىق ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلىپ، جىددىي مەشىق قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، رېئالىزم تېمىسىدىكى سەھنە تىياتىرى «تاتلىق بۇلاق» قاتارلىق سېنارىيەلەرنى يېزىشنى تاماملىدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاش تايانچلىرى يەنە ئەسەرگە يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى تاماملاشقا تىرىشتى.» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شىيۇەن مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئىجاد قىلىنغان، ئورۇنلانغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن چىن ھېكايىلەر بولۇپ، چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا، ياخشى سەنئەت ئىجادىيەت ئاساسىغا ئىگە. بىزنىڭ نىشانىمىز بۇ جانلىق خام ماتېرىياللار ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت».

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكى «ئوردېن» «بەخت ئىشىك چەككەندە» «چىن ھېسسىيات» ناملىق دىرامىلارنى ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئوردېن»دا «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. «خەلق مەڭگۈ بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچىمىز، ئەڭ مۇكەممەل ئىجادىيەت ئوبيېكتىمىز.» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى تيې تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز يەنە داۋاملىق ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ جانلىق خام ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئىلھام تېپىپ، يەنە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، كەنت كادىرلىرىدىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باشلامچىلىرى بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، چوقۇم ئەسەردىكى ئۇلارنى چىن، ئىستېرېئولۇق، جانلىق يارىتىمىز».

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى مەنبە قىلىنغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە ئورنىنى باشقۇرۇش مەركىزى) «20 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش − مەملىكەت بويىچە ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىنى بۇلۇتتا ئېكسكۇرسىيە قىلىش»نى يولغا قويۇپ، «نەنچاڭ 1 - ئاۋغۇست قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيى» «يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى» قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 نەچچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى، مەيدان - سارايلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ئۆتكۈزدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلىرىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى سىستېمىلىق كۆرسىتىپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق خەلقنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈشكە، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە ئورنىنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى لى لى.

«مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتىنى ئاممىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ۋە ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ ئۇزارتىپ، كۆپچىلىكنى باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، كىتاب ئوقۇش، خەتتاتلىق ۋە رەسىم سىزىش بويىچە تەربىيەلەش، ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.» ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جۇڭبىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەنى تارقىتىدىغان ئاممىۋى سۇپا ۋە ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان سەھنە بولۇشتەك مۇھىم رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شەكىل جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرانى نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

لوپ ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيى يېقىندا ئۇدا سىنلىق ئۇسسۇل دەرسى ئۇيۇشتۇردى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇتۇشى ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. «بىز مەدەنىيەت سارىيىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتى، خەلق ئىچى ماھارىتى قاتارلىقلارنى تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ۋە تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە شەكىللەر بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز» دېدى لوپ ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى ئامانگۈل سىراجى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى داۋامىدا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مەدەنىيەت باغچىلىرىنى ياخشى قۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

يېقىندا، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئارخېئولوگىيە تۈرلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەشكىللەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى توردا ئۆگەندى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: دوكلاتتىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاپ چىقىپ ۋە نامايان قىلىپ، جۇڭگو سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بايانلار ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز داۋاملىق <جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش> مۇھىم، زور تۈرى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئارخېئولوگىيە تۈرىگە تايىنىپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن جانلىقلار ئىرسىيەتشۇناسلىقى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك، مېتاللۇرگىيە، مۇھىت، ماتېرىيال ئانالىزى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ تەتقىقات ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى دۇنياۋى ئىلىم تېمىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىي مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسىنىڭ خەلقئارادىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىمىز».

شىنجاڭ مۇزېيىدىكى تەتقىقاتچىلار نۆۋەتتە مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ شىنجاڭنى بىرتۇتاش باشقۇرغانلىقى، ئىدارە قىلغانلىقىغا ئائىت باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىنىڭ ئىككىنچى تېمىسى بولغان «جۇڭخۇا تارىخ سەھىپىسى − شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى»نىڭ كۆرگەزمە بۆلىكىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە، بۇ شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان زور مىقداردىكى قىممەتلىك قەغەز ھۆججەتلەر، تارىشا پۈتۈكلەر مەزمۇن قىلىنغان مەخسۇس مەيدان كۆرگەزمە.

«تەتقىقاتچىلار كۆرگەزمە تىزىسى يازغاندا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاللىغاندا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى نامايان قىلىشقا تىرىشىدۇ.» شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ مۇزېيى يەنە گۇگۇڭ مۇزېيى، دۆلەت مۇزېيىنىڭ ئېسىل كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈپ كۆرگەزمە قىلىپ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نادىر بۇيۇملار كۆرگەزمىسى»نى شەنشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نامايان قىلىمىز.