​پارتىيە بەدەل پۇلى ئاجرىتىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەردى

日期:2022年11月10日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى​

پارتىيە بەدەل پۇلى ئاجرىتىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەردى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 18 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىدىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش، ئامما خىزمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.