يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجىنى «قاندۇرۇش»، ئامما ئالدىرىغانغا «ئالدىراش»

日期:2022年11月10日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى 159 پارتىيە ئەزاسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

«ھازىردىن باشلاپ، بىز مەھەللىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ۋەزىپە تەقسىم قىلىڭلار!» 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى دۇڭمېن كوچا باشقارمىسى شەرقىي ئايلانما يولى غەربىي مەھەللىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق كان بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت كاپالىتى مەركىزى تەشكىللىگەن ئون كىشىلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاۋانگارت ئەترىتى رەتلىك تىزىلىپ بۇيرۇق كۈتمەكتە ئىدى.

كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى 159 پارتىيە ئەزاسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سالاھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق كان بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت كاپالىتى مەركىزىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىغا ياردەم بېرىۋاتقان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاۋانگارت ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇردى، يەن جۈن، شۈ چاڭشەندىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا باشلىقى ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ، نۇقتىلىق رايون، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، مەھەللە ۋە ئاھالىلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

«خەلقنى بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپ - خەتەر ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان دەقىقىلەردە خەلققە ياردەم قىلىش، خەلققە كۈچ بېغىشلاش − پارتىيە ۋە خەلق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىمىزغا يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ، شۇنداقلا بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق كان بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت كاپالىتى مەركىزى بىخەتەرلىك تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋېي جۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەترەت ئەزالىرى ھەر كۈنى سائەت 7دىن باشلاپ خىزمەتكە كىرىشىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ توشۇش ۋە مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ، خىزمەتلەر تۈگىگەندە ئاساسەن يېرىم كېچە بولۇپ كېتىدۇ.

«ئادەتتە ئۆيدە ئۇزاق يېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك...» 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، خېسۇەن تەكشۈرۈۋاتقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى شيې چۇنيەن ئاھالىلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن تاپىلىدى. شيې چۇنيەن قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر بولۇپ، تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى دۇڭمېن كوچا باشقارمىسى غەربىي ئارقا كوچا مەھەللىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ قىسىمدا دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقتەك كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرگە ئۆيدە تۇرغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

«يەنە غەيرەت قىلىپ، داۋاملىق بەرداشلىق بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا تۇرۇپ قالماسلىقىغا تىرىشايلى!» 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سەھەردە، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى 1 - ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسى لاۋمەنچېڭ مەھەللىسىگە ئەۋەتىلگەن گۈلناز جاناتبېك خىزمەتدىشى جوۋ يى بىلەن بىر - بىرىگە مەدەت بەردى.

«سىز خۇددى ئۆز قىزىمغا ئوخشايسىز، ياغدا قىزارتىلغان مومىنى چوقۇم يەڭ.» 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، كورلا شەھىرىنىڭ چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى خۇاشيا مىڭمېن مەھەللىسى سىلۇ خۇاتىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى 82 ياشلىق ئاھالە ما يۈرۇڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى شېن خەيشياغا تېلېفون قىلىپ، قايتا - قايتا تاپىلىدى.

كورلا شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، 13 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە شېن خەيشيا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئولتۇراق رايوندا پىدائىي بولدى. ما يۈرۇڭنىڭ ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىغانلىقىنى ھەم يان تېلېفون ئارقىلىق كۆكتات خالتىسى سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ، ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئېلىپ بەردى، ئۆز ئائىلىسىگە گۆش سېتىۋالسىلا، ئۇنىڭغا بىر كىشىلىك ئاپىرىپ بەردى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ما يۈرۇڭ ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك تايىنىدىغان بولۇپ قالدى. شېن خەيشيا ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان ھەم سەۋرچان بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەتىگەندە، غۇلجا شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولى كوچا باشقارمىسى ۋەنرۇڭ مەھەللىسىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى لياڭ شياۋگاڭ دەرۋازا ئالدىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى، «مەھەللىمىز ئۇدا بەش كۈن نۆللەشتى!» ئۇنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەنگەنىدى. 8 - ئاينىڭ بېشىدا، لياڭ شياۋگاڭ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان «باشلامچى»لاردىن بولۇپ قالدى.

«ئۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلىدۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز!» لياڭ شياۋگاڭنىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مەھەللىنى 8000 يۈرۈش(دانە)تىن ئارتۇق مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا ھەمدە 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ماددىي ئەشياسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەنلىكى، شۇنداقلا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 300 كىلوگىرامدىن ئارتۇق گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشياسى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، ۋەنرۇڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چى ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ كېتىدۇ.

«قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا، پارتىيە ئەزالىرى شۇ يەردە پەيدا بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، يەنىمۇ تىرىشسا، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ» دېدى لياڭ شياۋگاڭ.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى دۇڭمېن كوچا باشقارمىسى شەرقىي ئايلانما يولى غەربىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاڭ لېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭدى، ئۈلگە بولدى، شۇنچە كۆپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەشەببۇسكارلىق ھالدا بىز بىلەن بىرلىكتە <جەڭ> قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار!»