​گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك

日期:2022年11月09日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى​

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى ئايدىڭلاشتۇردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە بىز چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق ئىگىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بەش مۇقەررەر يول»دا ياخشى مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈشىمىز كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى مەنزىل ئېچىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغانلىقى، نەزەرىيە جەھەتتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى، نىشاننى ئىلمىي بېكىتكەنلىكى ۋە خىزمەتنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ھەر تەرەپلىمە تەشكىللەپ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.