كۆكتات خالتىسى تېز سۈرئەتتە ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈلىدۇ

日期:2022年11月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گۇەن مېڭيىڭ

«گاژ- گۇژ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يۇيۇپ توغرالغان چىڭسەي قازانغا سېلىندى... 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 19دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى شىنمىن غەربىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لېي شېن چۆمۈچىنى ئوينىتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە كەچلىك تاماق ئېتىپ بېرىۋاتاتتى. «بۈگۈن مەھەللە ئەكېلىپ بەرگەن كۆكتات خالتىسىدىكى كۆكتاتلار ناھايىتى يېڭى ئىكەن» دېدى لېي شېن.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كۆكتات خالتىسى پۇقرالارنىڭ كۆكتات ئىستېمال قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلمەكتە. ئاممىنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆيىڭىزگە تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىر كۆكتات خالتىسىغا كۆپ ھالقىلاردىكى يۇقۇمغا بىر نىيەتتە تاقابىل تۇرۇۋاتقان كۈچلەر مۇجەسسەملەنگەن. 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇخبىرلار كۆكتاتلارنىڭ توپ سېتىش بازىرىدىن ئايرىش - تارقىتىش مەركىزىگىچە، يەنە مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلدى.

توپ سېتىش بازىرى:

شىنجاڭ سىرتىدىكى كۆكتاتلار بازارغا راۋان كىردى

سەھەر سائەت 7دە، تاڭ تېخى يورۇماستىنلا چىراغ نۇرىدا شىسەن دېھقانچىلىق مەيدانى چياڭۋېي 2 - كوچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 12 - شى مەركەزلىك مال مەيدانى جياڭمېن مەيدان پونكىتىدا يۈك ئاپتوموبىللىرى رەتلىك تىزىلغانىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاپتوموبىللىرى بولۇپ، خىزمەتچىلەر دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈۋاتاتتى.

جياڭمېن مەيدان - پونكىتى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ «بىرىنچى دەرۋازىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى ئاچقۇچلۇق مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى مەيدان - پونكىت ۋە خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن مەيدان - پونكىتتىن ئىبارەت ئىككى مەيدان - پونكىت تەسىس قىلىنغان.

جياڭمېن مەيدان - پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جى گۇاڭخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەيدان - پونكىت ئادەم، ئاپتوموبىل، ماددىي ئەشيالارنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، ئاپتوموبىللار دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۈك مەيدانىغا كىرگۈزۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن مەيدان - پونكىت شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېشىل يول ئېچىپ، جيۇدىڭ بازىرىدىكى مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارغا قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە ئانتىگېن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. «مەيدان - پونكىت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئاپتوموبىل، يۈك، ئاپتوموبىلدىكى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى خاتىرىسىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر ئاپتوموبىلغا بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىش، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى جى گۇاڭخۇا.

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: گۇرۇھىمىز «جيۇدىڭ بازىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت كۆرسەتمىسى»نى تۈزۈپ، بازارنى ئىلمىي ھالدا رايونغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، سودا رايونى ۋە مال ئېلىش رايونىنى ئايرىم تەسىس قىلىپ، جياڭمېن مەيدان - پونكىتى، بازارغا كىرىش ئېغىزىدا تەكشۈرۈش، مال ئېلىش رايونى قاتارلىق بەش مۇداپىئە تېمى قۇرۇپ، «ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكا مۇداپىئەسى» تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايوندا گىرەلىشىپ قالماسلىق، خادىملار رايون ئاتلىماسلىق، شوپۇرلار ئاپتوموبىلدىن چۈشمەسلىك، مال ئالغاندا ئۇچراشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت ئاپتوموبىلى بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ 40 نەچچە مىنۇت مېڭىپ، سائەت 9دا شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا يېتىپ كەلدى. بازارغا كىرگەندە، ئىشچىلار بەسەي، كاۋا قاتارلىقلارنى تەرتىپلىك قاچىلاۋاتاتتى، چۈشۈرۈۋاتاتتى. «شىركەت يۈننەن، شەندۇڭ، سىچۇەن قاتارلىق شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى كۆكتات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار بىلەن ئۇدۇللىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ماشىنىلاپ بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئارىلىقتا قاچىلاش - چۈشۈرۈش، قايتۇرۇپ توشۇش قاتارلىق ھالقىلارنى ئازايتىپ، بازار ئىچىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى ليۇ ياڭ.

«ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.» يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى شۈ جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: مەن لەنجوۋدىن لىق بىر ئاپتوموبىل خۇاسەي بېسىپ، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا كەلدىم، مەيدان - پونكىتقا كىرىش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، خېسۇەن تەكشۈرتۈپ بولۇپلا بىۋاسىتە ماڭالىدىم.

ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى:

ھەر كۈنى ئون خىلدىن ئارتۇق يېڭى كۆكتاتنى ماسلاشتۇرۇپ «خالتا» قىلىپ تەييارلىدى

نۆۋەتتە، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ھەر دەرىجىلىك سودا سىستېمىسىنىڭ قوللىشىدا، جيۇدىڭ تەمىنات - سودا ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 31 ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى، شىنليەن بازىرى، بېييۈەنچۇن بازىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن بۆلۈپ سېتىش يولى ئېچىپ، ماشىنىلاپ توشۇش بىلەن تەمىنلەپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى كۆكتات ئايرىش - تارقىتىش مەركىزىدىن بەشنى تەسىس قىلىپ، كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭدىن كۆپ كۆكتات خالتىسى بىلەن تەمىنلەپ، شىمىگۇ رايونىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

سائەت 12 دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مۇخبىرلار شىمىگۇ رايونى باداۋان كوچا باشقارمىسى جېنئەن كوچىسى ئەتراپىدىكى 3 - نومۇرلۇق كۆكتات ئايرىش - تارقىتىش مەركىزىگە كىردى، نەچچە يۈز كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيىدە، بىر تەرەپكە ئايرىپ قاچىلانغان 100دىن ئارتۇق كۆكتات خالتىسى قويۇلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇۋاتاتتى؛ يەنە بىر تەرەپتە، ئون نەچچە خىزمەتچى كۆكتاتلارنى كۆپمە ساندۇق، تاغارلاردىن ئاستا ئېلىپ، ئاندىن بۆلۈپ قاچىلاۋاتاتتى.

شۇ كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ، بۇ ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى كۆكتات بازىسى ۋە شىنليەن بازىرى قاتارلىقلاردىن توشۇپ كېلىنگەن شياۋبەسەي، چەيزە، چىڭسەي قاتارلىق 14 خىل كۆكتاتنى مۇۋاپىق نىسبەت بويىچە ماسلاشتۇرۇپ، سولياۋ خالتىغا قاچىلاپ، سائەت 9 دىن باشلاپ ھەرقايسى مەھەللىلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى باشلىغانىدى. ئايرىش، جىڭلاش، ئوراپ قاچىلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش... 45 خىزمەتچى ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ پېشانىسىدىن تەر تامچىلىرى تەپچىرەپ تۇراتتى، ئەمما ئۇلار سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەيتتى، بۇ خىزمەت سائەت 17 گىچە داۋاملىشاتتى. نۆۋەتتە، بۇ ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000 كۆكتات خالتىسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

مېۋە - كۆكتاتلارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى ئايرىشقا قاتناشقان بارلىق خادىملار ۋە ئاپتوموبىللارغا قارىتا بىردەك يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى بويىچە، پۈتۈن جەريانلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي تولۇق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئايرىش - تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارغا قارىتا يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە ئانتىگېن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئۈرۈمچى چۇاڭبو دۆلەت مۈلكى مەبلەغ سېلىش تىجارىتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى 3 - نومۇرلۇق كۆكتات ئايرىش - تارقىتىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاۋ جىجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەركىزىمىز ئايرىپ قاچىلىغان ھەربىر كۆكتات خالتىسىدىكى كۆكتاتنىڭ تۈرى 14 خىلدىن، ئېغىرلىقى 6.2 كىلوگىرامدىن كەم ئەمەس، «بىز <ئۈچ ئۇچراشماسلىق>، مەيدان - ئورۇن ۋە ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى ئىزچىل قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم يېڭى كۆكتات يېيىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ئۇ.

مەھەللە:

«ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر» مۇلازىمىتىنى بوشاشتۇرمىدى

سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەرگەن كۆكتات خالتىسى شىمىگۇ رايونىنىڭ شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى شىنمىن غەربىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىگە يەتكۈزۈلدى. مۇخبىرلار مەھەللە كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىدىن كۆكتات خالتىلىرىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ كۈچ ئۇلاپ چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. بەزىلەر «كۆكتات خالتىسىدا شوخلا بار، كۆپچىلىك ئاۋايلاپ ئېلىپ، ئاۋايلاپ قويۇڭلار» دەپ پات - پات ئەسكەرتىپ تۇراتتى.

شۇ كۈنى، بۇ مەھەللىدىكى 13 ئولتۇراق رايوندىكى جەمئىي 185 ئائىلىلىك ئاھالە كۆكتات خالتىسى زاكاز قىلغانىدى. ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆكتات خالتىلىرى ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىغا رەتلىك تىزىلدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى نەق مەيداندا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى ھەم 30 مىنۇت تىنچ قويغاندىن كېيىن، ھەربىر دەنيۈەنگە مەسئۇل پىدائىيلار يەنە ئىككىنچى قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى.

«تۈنۈگۈن كۆكتات خالتىسى زاكاز قىلغان ئاھالىلەر ئىشىكنى ئېچىپ ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ.» تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر قاھار ساتتار ۋىيشىن توپىدا ئاھالىلەرگە كۆكتات خالتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇردى.

«بىز ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات خالتىسىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ۋاقتىدا ئۇچۇر يوللايمىز. كۆكتات خالتىسى كەلگەن ھامان دەرھال بېرىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر، يېڭى كۆكتات يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.» شىنمىن غەربىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددە ئالغان كادىر يىن يەنلىڭ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى مەھەللىدىكى خىزمەتچىلەر بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرىدۇ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدۇ، ئايرىپ تارقىتىدۇ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

«ئاھالىلەرگە كۆكتات خالتىسى يەتكۈزۈپ بەرگەندىن باشقا، يەنە ئاھالىلەرگە مېۋە - چېۋە، تۇخۇم، سۈت ھەم ھەر خىل تۈردىكى دورىلارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز.» شىنمىن غەربىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى جوۋ گاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر قېتىملىق كۆكتات خالتىسىنىڭ زاكاز سانى 200 ئەتراپىدا بولىدۇ.

«ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر» لىق تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنمىن غەربىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسى «پىدائىيلارشۆبە ئەترىتى» تەشكىللىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەڭ ئاممىنىڭ پىدائىيلار تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش قوشۇنىغا ئۈزلۈكسىز قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەھەللىدە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئادەم يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، بارلىق بىنالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش خادىملىرى بىلەن تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاخىرقى نۇقتىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمەت ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.

سائەت 18دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، لېي شېن ئۆز ئائىلىسىنىڭ كۆكتات خالتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنچە كۆپ كۆكتات خالتىسىنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، يەنە ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە يۆتكەپ توشۇيدۇ، مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلارغا ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس».