قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

日期:2022年11月09日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا بەش جەھەتتىن مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر مول مەزمۇنلۇق، شەكلى كۆپ خىل تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى يۆنىلىش، يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كىرىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنى تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى كۆزلەيمىز

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ باش ۋەزىپىسى، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يول ئېچىشتىكى ئاۋانگارتلىق بۇرچىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە ئىش باشلاشقا تېگىشلىكلەردە بالدۇر ئىش باشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شۇۋېي مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بىز تەرەققىيات سۈپىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە يىراق كەلگۈسى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمىز. مۇھىم ھۆججەتلەرنى تەييارلاش ۋە مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى چارىسىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك رولىمىزنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى كۈرەش ئارقىلىق يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەنىسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، بولۇپمۇ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىشەنچنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.» جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ يارۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىمىز. «تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى كونترول قىلىش، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى يېشىللاشتۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى «قوغدىغۇچى» بولىمىز.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز

«بۇ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار كارخانىلارغا كەلگۈسى تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇنىڭدىن بىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق ۋە روھلاندۇق.» ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كارخانىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنىڭ چوڭقۇر ماس يۇغۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەسى ۋە كۆمۈرنى پاكىز ئېچىش ۋە پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىدۇ.

يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەمئىي 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېقىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەبلىغى سېلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە 280دىن ئارتۇق تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى، 258 تۈردە دۆلەت ھوقۇق بەرگەن پاتېنتقا ئېرىشتى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى كان بايلىقىنى ئېچىشتىكى مۇھىم كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شىنجاڭ رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنى ھەم تۈرلۈك تېخنىكا - ماھارەتتە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىغا تايىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت، تېخنىكىنى تېز سۈرئەتتە يېڭىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىمىز.

«پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.» شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر كاڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئادەم، مالىيە، ماددىي جەھەتتىكى سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە كىرگۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى توپلاپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا، سالماق بېسىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بازىرىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان، خاتىرجەم بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ كەڭ دائىرىدە تونۇلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماركىسىنى يېتىلدۈرىمىز.

كونكرېت ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. شىنجاڭ دۆلەت بېكىتكەن <ئۈچ بازا، بىر يول> بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان.» ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش خىزمىتى ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باش خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ، ئېنېرگىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا «يول خەرىتىسى»نى بېكىتىپ، «ۋاقىت جەدۋىلى»نى ياخشى تۈزۈپ، «مەسئۇلىيەتنامە» ئىمزالاپ، بۇ يىللىق نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، كېلەر يىللىق خىزمەت پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

«<يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش>، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىركىتىمىز شىنجاڭ داشۆ بىلەن ئورتاق تەسىس قىلغان كاربون ئاساسلىق يېڭى ماتېرىيال بىرلەشمە تەتقىقات يۇرتىغا تايىنىپ، كاربون ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زورايتىپ، كۆمۈردىن خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ساھەسىدە «ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى، تېخنىكا ئېگىزلىكى، يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى»نى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا نۇرى ئارقىلىق زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش يېڭى نام كارتىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىمىز.

شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گەن يۈيې مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، <دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، كۈچ قوشۇش>تىن ئىبارەت تىجارەت فاڭجېنى ۋە <ئىچكى جەھەتتە ئىشلەپچىقىرىش + سىرتقى جەھەتتە كېڭەيتىش>تىن ئىبارەت تەرەققىيات شەكلىدە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق شىركەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز، شىنجاڭنىڭ تېببىي دورا، ساغلاملىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز».

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، يۈ جياڭيەن، گاۋ فېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ شەنشەن، تۇ يەنشيا)