بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەملەش

日期:2022年11月09日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى 300دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شەنشەن

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەتىگەندە، جاڭ تاۋ ئاھالىلەر سېتىۋالغان گۈرۈچنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بەردى، ئاندىن ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەتلەرنى ئېڭىشىپ ئېلىپ بىنادىن چۈشتى. «چۈشتىن بۇرۇن ماددىي ئەشيالارنى تولۇق يەتكۈزۈپ بولۇشۇم، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك» دېدى ئۇ.

جاڭ تاۋ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 10 - ئايدا، ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، سايباغ رايونى يۇڭكاڭ 1 - كوچىسى شەرقىي مەھەللىسىدە پىدائىي بولۇپ، باشقا «كەسىپداشلىرى» بىلەن بىللە خېسۇەن تەكشۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشتى.

10 - ئايدىن بۇيان، جاڭ تاۋغا ئوخشاش ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى 300دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى بىرىنچى ۋاقىتتا، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر، پىدائىي قاتارلىق سالاھىيەتلەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلاندى، ئۇلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، مەھەللە كادىرلىرى، تېببىي خادىملار قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەملىدى.

جاينا مۇرات ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى دوستلۇق مەھەللىسىگە بېرىپ، بىرىنچى سەپتە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى.

مەھەللىگە يېڭى كەلگەندە، بەزى ئاھالىلەر ئۆيىدىكى پارنىڭ ياخشى ئىسسىمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، جاينا مۇرات دەرھال مۇلازىمەت رايونىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت پونكىتىدىن مەسلىھەت سوراپ، تېلېفون ئارقىلىق ئۆزى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، دەنيۈنلەردە پارۋايدىكى گازنى چىقىرىۋېتىشنى قانات يايدۇردى، يەنە پار بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەنيۈەنلەرنىڭ تۇرۇبا ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى تەڭشىدى.

ئارقىدىن جاينا مۇرات يەنە مەھەللىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ پار بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كەلدى، نەتىجىدە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى ئىسسىدى. «ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى جەزمەن ياخشى، پۇختا ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.

«ھەدە، ئائىلىڭىزدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا ۋاقتىدا بىزگە ئېيتىڭ، سىزگە ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىمىز.» 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) جىنيۈەن مەھەللىسىدىكى پىدائىي گو چىڭلېي تېلېفون قىلىپ تەۋەلىك رايوندىكى چىڭچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئائىلە ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەپتەرگە خاتىرىلىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى ئەمگەك كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ كادىرى گو چىڭلېينىڭ پىدائىي بولغاندىن بۇيان ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىشى.

8 - ئايدا، گو چىڭلېي چىڭچېڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، ئاھالىلەرنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى نازارەتكە قاراشلىق ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىش تەشەببۇسىنى چىقارغاندىن كېيىن، گو چىڭلېي يەنە بىر قېتىم تىزىملاتتى، «مەن پارتىيە ئەزاسى، ئاۋۋال چىقمىسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇراق رايوننىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىمەن، بۇنداق ۋاقىتتا مەن جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشىم كېرەك».

چىڭچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر ئىچىدە ياشانغانلار كۆپرەك بولۇپ، بىنالاردا لىفىت بولمىغاچقا، ياشانغانلارنىڭ بىناغا چىقىپ چۈشۈشى قولايسىز ئىدى، گو چىڭلېي ھەر كۈنى ھەرقايسى بىنالار ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، ماددىي ئەشيا تەقسىملەپ يەتكۈزدى، ئۆيلەرگىچە دورا ئاپىرىپ بەردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى... كەچ كىرگۈچە پۇتى ئاغرىپ ھالى قالمىدى. «ئازراق قىينالساق، جاپا تارتساق ھېچقىسى يوق، ئاھالىلەرگە ياردەم قىلالىساقلا ئەرزىيدۇ» دېدى گو چىڭلېي.