چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش

日期:2022年11月09日
来源:天山网
【字体:

− غۇلجا شەھىرى قازانچى مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلغانلىقى توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس

11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى قازانچى كوچا باشقارمىسىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە، ئاھالىلەر تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى، سەيلە قىلىۋاتاتتى، مال سېتىۋېلىۋاتاتتى. چۈشتە، بۇ مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلبەھرەم ئابلىز سىن يىغىنى ئېچىپ، مەھەللە كادىرلىرىدىن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىنى چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.

«مەھەللىمىزدە 593 ئائىلە، 2058 ئادەم بار، %95تىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما.» گۈلبەھرەم مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەھەللىدىكى ھەربىر پارتىيە ئەزاسى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەل قىلدى. «بىز ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگەندۇق، مەھەللىدىكى 14 پارتىيە ئەزاسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە ئىزچىل چىڭ تۇردى».

بۇ مەھەللىدىكى ئىلى دەريا 6 - كوچىسى 15 - نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە مەۋلۈدەم قادىرنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ئىدى، مۇخبىر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ئالدىراش كۆمۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. مەۋلۈدەم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا ئۈچ بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن دەپ ئىزچىل سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمىدىم، ئېرىم تىلىۋالدى ئۆمەرجان تاكسى شىركىتىدە شوپۇرلۇق قىلىدۇ، بۇ، ئائىلىمىزنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى. «يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، تاكسىلار قاتنىمىدى، مەھەللە كادىرى ئەلانۇر غوپۇر ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلگەچكە، بىزگە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى.» مەۋلۈدەم مۇنداق دېدى: مەھەللە يەنە ھەقسىز گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، كۆكتات خالتىسى ئەكېلىپ بېرىپ، بىزنى ئەڭ قىيىن باسقۇچتىن ئۆتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «بۇ بىرنەچچە كۈندە بىز سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلدۇق، يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئېرىم يەنە تاكسى ھەيدەپ پۇل تاپالايدىغان بولدى!»

«بۇ مەھەللىدىكى كادىرلار پۇقرالارغا خۇددى ئائىلىسىدىكىلەردەكلا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ» دېدى كوچا يولىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان غۇلجا شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر زەينۇرە ئاياس.

سۆھبەت ئارىلىقىدا گۈلبەھرەم توختىماي تېلېفون قوبۇل قىلدى، تېلېفون ئۇردى، توختىماي يان تېلېفون ئۇچۇرىغا قاراپ تۇردى. «مەن ئاھالىلەرنىڭ 18 ۋىيشىن توپىغا قوشۇلدۇم، ئاھالىلەر توپتا ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا بىلىپ تۇرمىسام بولمايدۇ» دېدى ئۇ.

قازانچى مەھەللىسىنىڭ نۇرلۇق كوچىسى 40 - نومۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە، ئاھالە راھىلە يۇنۇس سىرتقا سەيلە قىلىشقا چىققان ئىكەن. گۈلبەھرەم ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ: «راھىلە، كۆزىڭىز يەنە قىزىرىپ قاپتىغۇ، نەچچە كۈننىڭ ياقى قان بېسىمىڭىز قانداقراق؟» دېدى.

«شۇجى، ھېلىمۇ ياخشى دورىنى ۋاقتىدا ئەكېلىپ بەردىڭلار، بۇ بىرنەچچە كۈندە بىنادىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن، خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم!» دېدى راھىلە جاۋابەن. راھىلەنىڭ كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاچقىنىغا بىر يىل بولغانىدى، ئايلىق ساپ كىرىمى 1800 يۈەنگە يەتمەيتتى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، يالغۇز تۇرۇۋاتقان راھىلە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ئوبيېكتىغا ئايلاندى، ئۇنىڭغا كېرەكلىك دورىلارنى قەرەللىك يەتكۈزۈپ بەردى، راھىلەنىڭ تۇرمۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، يەنە ئۇنى ھەر خىل تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

«مەھەللە كادىرلىرى بولغاچقا، مەن ھېچقانداق ئىشتىن ئەنسىرىمىدىم.» راھىلە مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى قەلبىمنى تولىمۇ ئىللىتتى.

قازانچى مەھەللىسىنىڭ ئەركىن كوچا يولىدا كېتىۋېتىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاپتاپسىنىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ مۆكۈشمەك ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئاھالە نەسىردىن ئابلەخەت ھويلىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. «بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى، يۇقۇم يۈزبەرگەندە ھەپتىدە ئۈچ قېتىم دىيالىز قىلىش ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان ئىش بولۇپ قالغانىدى» دېدى نەسىردىن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن ئاغرىق ئازابى ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىك ئۇنى بىئارام قىلدى، مەھەللە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەۋەلىك رايوندىكى بۆرەك دىيالىزى قىلدۇرىدىغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنى ئاپىرىپ ئەكەلدى.

«مەھەللىدە پەقەت بىرلا كاپالەت ئاپتوموبىلى بار، شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، مېنى دىيالىز قىلدۇرۇشقا ئاپىرىدىغان مەھەللە كادىرى ئەنۋەر قۇربان بىلەن ئارزۇگۈل دىلمۇرات ئەزەلدىن كېچىكىپ باقمىدى» دېدى نەسىردىن «مەھەللە ماڭا ھەقسىز كۆكتات خالتىسى، گۆش تارقىتىپ بەردى، يەنە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى بەردى، بۇ مېنىڭ چوڭ بېسىمىمنى خېلى كۆپ يېنىكلەتتى».

«بۈگۈن 300دەك نان ساتتىم، بۇ بىرنەچچە كۈندە سىرتقا چىقىدىغانلار كۆپەيدى، سودام يامان ئەمەس». قازانچى مەھەللىسىنىڭ نۇرلۇق كوچىسى 6 - نومۇرلۇق قورۇدىكى مەمەتجان فېڭلۆ يېمەكلىك دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، دۇكان ئىگىسى مەمەتجان ئىسمايىل خېرىدار چاقىرغاچ، گۈلبەھرەم بىلەن سالاملاشتى. مەمەتجاننىڭ دۇكان ئېچىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ئاساسلىقى نان ۋە سامسا ساتىدىكەن، ئايلىق ساپ كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشىدىكەن. «ئۆيۈم باشقا مەھەللىدە، ھېلىمۇ ياخشى مەھەللە كۈچ چىقىرىپ ياردەم بەرگەچكە، ھازىر تىجارىتىم ئەسلىگە كەلدى.» مەمەتجان مۇنداق دېدى: مەھەللە تەمىنلەش سودىگەرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇن، گۆش قاتارلىق خام ماتېرىياللار بىلەن ئۈزمەي تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

ئىلى كوچىسى 4 - تار كوچىسىدا، ئىمامجان تۇداخۇن خېرىدارلارغا ئالما جىڭلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، دۇكانغا مېۋە - چېۋە، قېتىق، سۈت، نان قاتارلىق يېمەكلىكلەر لىق تىزىلغانىدى. «مەھەللە كادىرلىرى مال سېتىۋېلىش، توشۇشنى ماسلاشتۇرۇپ بەردى، بەزىدە ماڭا ياردەملىشىپ مال يۆتكىشىپ بېرىدۇ.» ئىمامجان مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە سودام يامان ئەمەس، تەمىنلەش سودىگەرلىرىدىن مال ئېلىشمۇ بىرقەدەر راۋانلاشتى، كوچىدىمۇ ئادەملەر كۆپەيدى.

زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، چۈشتىن كېيىن سائەت 6گە يېقىنلىشىپ قالغانىدى، گۈلبەھرەمنىڭ تېلېفونى يەنە جىرىڭلىدى، بۇ قېتىم تېلېفوننى ئاھالىلەر ئەمەس، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇرغانىدى. «كىچىك بالامنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى سەل تۆۋەنلەپ قالغاچقا، ئوقۇتقۇچىسى يېقىندىن بۇيان دائىم تېلېفون قىلىۋاتىدۇ.» گۈلبەھرەم مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئەر - خوتۇن ئىككىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتىمىز، بالىلارنىڭ چوڭىغا قېيىنئانام، كىچىكىگە ئانام قاراۋاتىدۇ، مەن ھەر كۈنى مەھەللە خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن تۈزۈك خەۋەر ئالالمىدىم.

گۈلبەھرەم مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئورنۇمدا بولساملا، مەيدەمدىكى پارتىيە ئىزنىكىگە يۈز كەلگۈدەك ئىش قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن».