پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

日期:2022年11月07日
来源:天山网
【字体:

​ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق كۇرسى تەڭ قەدەمدە ئېچىلدى

ما شىڭرۇي لېكسىيە دوكلاتى بەردى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جىڭۋېي ما شىڭرۇي لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىغا، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرىدىغانلىقى، قانداق يولدا ماڭىدىغانلىقى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلايدىغانلىقى، قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، سايلام ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ داۋاملىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. 10 يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقلاردا تەمكىنلىك بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، شىددەتلىك دولقۇندا جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، ماركسىزمچى سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس يۈكسەك جاسارىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە دانا تەدبىرىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلقنىڭ داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولۇشقا مۇناسىپ، «جۇڭخۇا ناملىق» غايەت زور پاراخوتنىڭ رولچىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشقا مۇناسىپ. «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نى چۆرىدەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللاردا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى قوللىنىپ، خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىي تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئاخبارات تەشۋىقاتى، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىدىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي مەخسۇس قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، قاتناش تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، يېزا - بازار قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلدى، كۆپچىلىك بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، بىڭتۇەن، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. لېكسىيە دوكلاتى يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.