يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

日期:2022年11月07日
来源:天山网
【字体:

− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارغا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلۈپ ۋە بايان قىلىنىپ، كۆپچىلىككە بىر مەيدان ئېسىل، جانلىق مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش دەرسى ئۆتۈلدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق، ھەسسىلەپ روھلاندۇق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشتى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتىمىز ئۇرغۇدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

«ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

«لېكسىيە دوكلاتى بىزنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىزنى مۇھىم يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، بولۇپمۇ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شوۋچىڭ مۇنداق دېدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى كونكرېت ئەمەلىيىتىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى تەتقىق قىلىپ، ياخشى بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىدىيە ئامبىرىلىق، ئاقىللار ئۆمىكىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ كۆپ نەزەرىيە، تەدبىر پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلەيمىز.

«لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا رەھبەرلىك يادروسى ۋە يېتەكچى ئىدىيەنىڭ تۈپ رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى «بىرىنچى چاسا سەپ» بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ياخشى سۆزلەشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشى، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، رول تۇتۇپ يول باشلىشى بىلەن، <جۇڭخۇا> ناملىق غايەت زور پاراخوت چوقۇم ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پىڭ شىنلەي مۇنداق دېدى: ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز.

«بۇ، ھەم بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئۆگىنىش، يېتەكلەش دەرسى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى بولدى. تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا <ئىككىنى تىكلەش> <ئىككىنى قوغداش>نى قەلبىمىزگە مەھكەم پۈكىمىز، ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن يۈرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاممىغا يۈزلەندۈرۈپ، كەڭ ۋە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى «ئۆگىنىش» «سۆزلەش»كە يېتەكلەپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، بىر نىيەتتە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باش شۇجىغا زىچ ئەگىشىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز

ئېسىل لېكسىيە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى؛ چوڭقۇر ئۆگىنىش كۆپچىلىكنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

«لېكسىيە دوكلاتى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ چى مۇنداق دېدى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ شو مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باغچە رايونى ۋە يىغىن - كۆرگەزمە قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق سۇپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى سودا ئوبوروتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى سودىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىلتىماس قىلىپ قۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

«لېكسىيە دوكلاتىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، بىزنى ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت مۇقىملىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، دەپ كۆرسىتىلدى. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

«لېكسىيە دوكلاتى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ يېقىن بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا قەلبكە سىڭدۈرۈشىمىزگە، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.» شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى لى جيەن مۇنداق دېدى: جەمىئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاپتونوم رايوندىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دائىر نىزام - تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، خاتىرە قالدۇرۇش، پىكىر يۈرگۈزۈش... ئىدىيە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يۈكسەلدى، نىشان پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا ئايدىڭلاشتى، كۈچ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا مۇجەسسەملەندى.

«لېكسىيە دوكلاتى بىزگە يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ بەردى، كېيىنكى قەدەمدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بوشاشماي تىرىشىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جۇڭكۇەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغارلار، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كارخانا، مەھەللە، مەكتەپ، سېخلارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرىمىز ۋە سەپەرۋەر قىلىمىز.

«گۈللەنگەن دەۋردە تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت ياشلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، غايە، ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەردىن، يول ئاچقۇچىلاردىن، ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.» لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان داۋۇت مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى: «بىز يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <ياشلارنىڭ تىلى> ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىدە جۇلالاندۇرىمىز».

«لېكسىيە دوكلاتى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىي سەپەرۋەرلىك كۈچى، نەزەرىيەۋى قايىل قىلىش كۈچى، مەنىۋى چاقىرىق كۈچىگە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى لىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنى ياخشى ئېچىپ، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ قۇرۇلتاينىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېتىقادقا سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىشىغا، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىمىز. دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، «ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ تىيانشاندا جۇلالاندى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاياللارنى ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، گو لىڭ، جاڭ يۈنمېي، جاڭ يەنفاڭ، گۇەن مېڭيىڭ، شى شىن)