​تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2022年11月07日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ يەنخۇڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىلىرى ۋە فاڭساڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى بويىچە مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى، فاڭساڭ دوختۇرخانىلىرىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تىيانشان رايونى، داۋانچىڭ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى قاتارلىق رايون، ناھىيەلەردىكى مەركەزلىك ئايرىش ئورۇنلىرى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارغا بېرىپ، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنى يوقلىدى، ھال سورىدى، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش، يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايرىش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسىگە رىئايە قىلىپ، ھەرقايسى تەرتىپلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ ئازادە تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خادىملىرى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە دېگەن ئىشەنچ ۋە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئىرادىسى بىلەن، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش تېز بولۇش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىكى مۇسبەت چىققانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تېز بولۇش، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى تېز بولۇش، يۆتكەش، قوبۇل قىلىپ داۋالاش تېز بولۇش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تېز بولۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى تېز بولۇشتىن ئىبارەت «ئالتە تېز بولۇش» تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، دورا سېتىۋېلىش، كېسەل كۆرسىتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىش ۋە دوختۇرخانىغا كىرىشتىكى «بىر چىقىش، بىر كىرىش» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك داۋالاش بايلىقلىرىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا دائىر ئىشلارنى دەرھال بېجىرىش، تېزلىكتە بېجىرىش كېرەك؛ ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ تامىقىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ قۇۋۋىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، زاپاس يېتەرلىك، توشۇش راۋان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاغرىقلارنىڭ سانى، مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋالاش ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىنى مۇۋاپىق سەپلەپ، داۋالاش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، كۆپچىلىكنى باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، شەخسىي مۇداپىئەنى بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىش كېرەك.

ياڭ فاسېن، جاۋ چىڭ، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.