شىنجاڭ سودا ئۆمىكى 5 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە توردا قاتنىشىدۇ

日期:2022年11月06日
来源:天山网
【字体:

بۇلۇتتا ئۇدۇللىشىش، بۇلۇتتا كېڭىشىش، بۇلۇتتا كېلىشىم ئىمزالاش

شىنجاڭ سودا ئۆمىكى 5 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە توردا قاتنىشىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى «رەقەملىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى» سۇپىسى ئارقىلىق توردا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن بۇلۇتتا ئۇدۇللىشىش، بۇلۇتتا كېڭىشىش، بۇلۇتتا كېلىشىم ئىمزالاش ئېلىپ بارىدىكەن. شىنجاڭ سودا ئۆمىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى سىرتقا ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىكەن، 200گە يېقىن كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن.

شىنجاڭ سودا ئۆمىكىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمە سۇپىسى «شىنجاڭ ياخشى جاي» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىپەك يولىدىكى ئەڭگۈشتەر، يىپەك يولىدىكى شىنجاڭ دولقۇنى، يىپەك يولىدىكى بۇلۇت كىيىم - كېچەكلەر ۋە مەدەنىيەت - ساياھەتتىن ئىبارەت تۆت كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، تۇرپاننىڭ «چۈنچە»سى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار ئادىمىيەت جەھەتتىكى قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىنغان.

بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى» تېمىسىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەخسۇس رايونى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى «يىپەك يولى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ، 10 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېپيېڭى مۇساپىسى ۋە مول نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمە رايونىدا، شىنجاڭ قابا ناھىيەسى ياجۈ چۇاڭفۇ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆزىنىڭ كوزىر مەھسۇلاتى − يۈز قوغدىغۇچ، قار تېيىلىش پەلىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت دالىدا قار تېيىلىش كوماندىسى ۋە دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ سەپلىمە كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى، «شىركىتىمىز پەن - تېخنىكىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، 21 تۈرلۈك پاتېنت تېخنىكىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك فۇنكىسىيەلىك كىيىم - كېچەكلىرىنى خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە سەھنىسىگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى يۈمېي مۇنداق دېدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى، ئالماشتۇرۇشىدىكى چوڭ كۆزنەك، بۇ كۆزنەكتىن پايدىلىنىپ، دۇنيانى جۇڭگو شىنجاڭ تېخنىكىسىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

شىنجاڭ ئافەنشۇ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تۆت نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان. شىركەت مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»، بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار مەيلى چوڭ، ياكى كىچىك بولسۇن ھەممىسىلا پۈتۈن يەرشارىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا، تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللىشالايدۇ، باراۋەر بولغان سودا پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى كۆرگەزمە سۇپىسى ئارقىلىق ماركا ئېففېكتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈشۈش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىدۇ.