ئىستېمال كېڭەيتىلىپ، ئېشىش مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلدى

日期:2022年11月06日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ 3 - كەسپ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

يۇقۇم تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ 3 - پەسىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئەگەر 1 - كەسىپ، 2 - كەسىپتە ئاساسىي گەۋدە ئېشىشنى ئىلگىرى سۈردى دېيىلسە، 3 - كەسىپتە ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك كۆرسەتكۈچلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش» ھەقىقىي مەنىدىكى بېسىمغا بەرداشلىق بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 3 - كەسىپنىڭ يېتەرلىك يوشۇرۇن كۈچى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قويۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىستېمال بازىرىدىن 3 - كەسىپنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ئىچكى سەۋەبنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ھەقىقىي ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇش

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن 22 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل سانائىتى كۆرگەزمىسىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل تىپلىرى بەس - بەستە نامايان بولدى. «ھازىر ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شىنجاڭدا ناھايىتى بازار تاپتى، بىزنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىمىز بازارغا سېلىنىپ بىر ئاي بولمايلا 200دىن ئارتۇق زاكاز قىلىندى» دېدى خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش سارىيىنىڭ ھېس قىلىش مەسلىھەتچىسى خوۋ ۋېييى.

ئاپتوموبىل ئىستېمالىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى 27 مىليون 360 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغان بارلىق ئىستېمالچىلارغا يۈزلەنگەن ياردەم تولۇقلىمىسى ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتى يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ يولغا قويۇلدى، 7 - ئايدا، ئاپتونوم رايون 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، «ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، مۇلازىمەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىستېمال پەسلى پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېمەك - ئىچمەك، تەييار ماي شىنجاڭ ئىستېمالىدىكى «تۆت چوڭ تۈۋرۈك» بولۇپ، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «2022 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سودا ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» «ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرى» قاتارلىق سىياسەت - ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى سىجىل كېڭەيتىپ، ماددىي بۇيۇم ئىستېمالىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئىستېمال تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىشى يېمەك - ئىچمەك كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن سەل تېز بولدى، تور ئىستېمالى سىجىل ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئاساس قىلغان يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستېمال تەدرىجىي يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

بۇ يىلنىڭ 3 - پەسلىدە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بازىرىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىستېمال سالمىقى كۈندىلىك تۇرمۇش زۆرۈر لازىمەتلىكلىرىگە مايىللاشتى. ئىستېمال تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون شەندۇڭ، خېنەن، سىچۇەن قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى بىلەن تۇرمۇش زۆرۈر لازىمەتلىكلىرىگە بىرلىشىپ كاپالەتلىك قىلىش، بىرلىشىپ تەمىنلەش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، نۇقتىلىق توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ رايون ئىچى، رايون سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازار، مەھەللە كۆكتات دۇكانلىرى ھەمدە تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار سودىسى قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكانلىرىنى مال كىرگۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تاللا بازار، سودا ساراي قاتارلىق پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ توپ سېتىش بازارلىرى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىشىغا ياردەم بېرىپ، مۇھىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ «ئىچكى ئايلىنىشى»نىڭ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

سۇپا ئىقتىسادى ئارقىلىق تەمىنلەشنى كېڭەيتىش

كىنوخانىغا بارماي ئۆيدىلا يېڭىدىن قويۇلۇۋاتقان كىنولارنى تاللاپ كۆرگىلى بولىدۇ، بىر يان تېلېفون بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە سودا - سېتىق قىلغىلى بولىدۇ، بىر كىچىك پىروگرامما ئارقىلىق تۈرلۈك ھەقلەرنى ئاسانلا تاپشۇرغىلى بولىدۇ... بۈگۈنكى كۈندە، توردا مال سېتىۋېلىش، ۋەيمەي قاتارلىق سۇپىلار كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى، ئۇچراشماس تىپىدىكى مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كۆكتات سېتىشى قىيىن بولۇش ھەم ئاممىنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىشى قولايسىز بولۇشتەك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى كۇەيلې يوۋشۈەن كىچىك پىروگراممىسىنى يولغا قويدى. 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر، بۇ سۇپا شۇ جايدىن جەمئىي 75 توننا كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە سېتىۋالدى، 592 مىڭ يۈەنلىك سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ سۇپىدىكى تىجارەت سودىگىرى يې پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە بۇ سۇپا 30 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

شىنجاڭ بەيشىليەن سودا ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 4000دىن ئارتۇق بەيشىليەن ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى بار بولۇپ، شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ شىركەت دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ ساتتى، نۆۋەتتە 500دىن ئارتۇق رىياسەتچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

مۇلازىمەت كەسپىدىكى يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تېزدىن تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىپ «سۇپا + تۇرمۇش» «سۇپا + ئىشلەپچىقىرىش» «سۇپا + سودا»دىن ئىبارەت خەلققە قولاي مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

9 - ئايدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ سۇپا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى (2022)»دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 37 سۇپا كارخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئورۇن مۇئامىلىدار 3 مىليون 907 مىڭ 800گە، شەخسىي مۇئامىلىدار 17 مىليون 490 مىڭغا، سودىلىشىش (مۇلازىمەت) قېتىم سانى 26 مىليون 95 مىڭ 500گە، سودىلىشىش (مۇلازىمەت) سوممىسى 266 مىليارد 362 مىليون يۈەنگە يەتكەن. سۇپا سانى، سۇپىدىكى ئورۇن ۋە شەخسىي مۇئامىلىدارلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2021 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەرتىپ بويىچە %48، %70.65، %231.99 ئاشقان.

شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن بىڭ مۇنداق قارىدى: رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسى (مۇلازىمىتى)، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەت ئىچىدە تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم سۇپىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش

قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىر بېشى ئىشلەپچىقىرىشقا، بىر بېشى ئىستېمالغا تۇتىشىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭ قاتناش تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى كەسپى سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان تيەنماۋ تاللا بازىرىنىڭ شىنجاڭ شەھەر ئامبىرى ئېچىلىپ تىجارەت باشلىدى. ئىستېمالچىلار تيەنماۋ تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئامباردىن تەقسىملەپ يەتكۈزۈلگەن ماللارنى تاپشۇرۇۋالالايدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى. «ئىلگىرى شىنجاڭغا ماللار ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە يېتىپ كېلەتتى، شەھەر ئامبىرى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن سانجى شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا شۇ كۈنى يەتكۈزۈپ بېرىش، شىمالىي شىنجاڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا ئىككىنچى كۈنى ياكى ئۈچ كۈندە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» تيەنماۋ تاللا بازىرى شىنجاڭ شەھەر ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى لى چياڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بىز شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ يەرلىك سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىپ، مال توپلاش ئامبىرى بەرپا قىلىپ، ئۈرۈمچىدىن ھەرقايسى جايلارغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز.

چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق ئالاقە تورى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تېزدىن كېڭىيىشى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپى رەقەملىشىش، ئاقىللىشىشقا قاراپ ماڭدى.

جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى ئۈرۈمچىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «ئاسىيا 1 - نومۇر» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىدا، نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامباردا ساقلاش مەركىزىدىن تۆتى بولۇپ، كۈنلۈك ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 1 مىليون پارچىگە يېتىدۇ. ئالدىنقى ئۇچتا ئىستېمالچى زاكاز بەرگەندىن كېيىن، سىستېما دەرھال ئۇچۇرنى ئامبارغا يوللاپ، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مال سۈرۈشتۈرۈش»، مال چىقىرىش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان زاكازنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تېز يوللانمىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، شۇنفېڭ، يۈندا قاتارلىق كۆپلىگەن تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونىنى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇپ تىجارەت باشلىدى. تېز يەتكۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ ئاقىللاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ سۈرئەتنى زور دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئورۇندىغان كەسىپ مىقدارى 100 مىليون پارچىدىن ئاشقان، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئورۇندىغان كەسىپ مىقدارى جەمئىي 101 مىليون 279 مىڭ 100 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.87 ئاشقان؛ كەسىپ كىرىمى جەمئىي 2 مىليارد 152 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.17 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر ئىچى كەسىپ مىقدارى جەمئىي 17 مىليون 479 مىڭ 100 پارچە تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئاشقان؛ باشقا جاي كەسىپ مىقدارى جەمئىي 83 مىليون 387 مىڭ 500 پارچە تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.24 ئاشقان.