ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

日期:2022年11月06日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى سىجىل قوزغىدى. كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز.

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى يىمىرىلمەس روھنى مۇستەھكەملەيمىز

يېقىندا، دېڭىز يۈزىگە 4600 مېتىر كېلىدىغان قارلىق ئېگىزلىكتىكى مەشىق ئورنىدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈيى 2 - يىڭ 1 - ليەنى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەخسىي غايىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىزنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئىتى چېن خۇڭ.

غەربىي شىمالدىكى چۆللۈكتە، مەشىق ئارىلىقىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. «ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر» دېگەن بۆلەكنى ئۆگەنگەندە، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش شارائىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، يۇرتىنىڭ يېڭى قىياپىتىدىن ھەمبەھرىلەندى. كۆپچىلىك يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىلتىقنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا مەڭگۈ بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى قەشقەر مەلۇم ئالاھىدە جەڭ قىلىش تارماق ئەترىتى ھەربىي گازارمىغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئاپتوموبىل، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش رادىيوسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تەكرار ئاڭلاتتى؛ خوتەندىكى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى«ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھېس قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش» قاتارلىق باش تېمىلار بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇردى، جەڭچى ليۇ فېي مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاڭلىق ھالدا شەخسىي ئارزۇيىمىزنى جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى يىمىرىلمەس روھنى مۇستەھكەملەپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ چېگرا رايوندىكى قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمىز».

ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز

يېڭى دەۋردە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەر بۇرچنى زىممىگە ئالدى.

يېقىندا، دېڭىز يۈزىگە 4800 مېتىر كېلىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى مەشىق مەيدانىدا، بىر مەيدان ئەمەلىي جەڭ خاراكتېرىدىكى مانېۋىر ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، زىيانلىق ماددىلارنى رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈش، ئۇرۇش مەيدانىدا تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش... شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى تۈرلۈك تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن «دۈشمەن ئەھۋالى»غا سالماقلىق بىلەن يۈزلىنىپ، مانېۋىر ۋەزىپىسىنى قالتىس تاماملىدى. «بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش سەۋىيەمىز ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز» دېدى بۇ تۇەن مەلۇم ليەنىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى چيۇ لېي.

روھى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانىدا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ناچار مۇھىت قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ، ئەمەلىي جەڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، تۇتۇش، يوقىتىش ۋەزىپىسىنى كۆپ قېتىم تاماملاپ، جەڭ مەيدانىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى يېڭى ئەسكەرلەر مەلۇم تۇەنىنىڭ جەڭچىسى تاڭ كۇن مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ياشلارغا قارىتا سەمىمىي ئۈمىد ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەن چوقۇم ياشلىق باھارىمغا يۈزكېلىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، قىسىمنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بالدۇرراق مۇنەۋۋەر قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن».

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنى قىزىل ئارمىيە ليەنىنىڭ ليەنجاڭى لى يۈمو مۇنداق قارىدى: مۇشۇ يىللاردا، ليەندۈي تۈزۈلمە، ئىشتات ۋە قورال - ياراغ جەھەتتە موتورلىشىشتىن ماشىنىلىشىشقىچە، ماشىنىلىشىشتىن ئۇچۇرلىشىشقىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئۇدا ئىشقا ئاشۇردى، «بىز يېڭىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇش مۇساپىسىدە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى كۈچلۈك يېتىلدۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز».

كەچ كۈزدىكى قاراقۇرۇمنىڭ ئىچكىرىسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغانىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسىمنىڭ ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى جەڭچىلەرنى جەڭ مەيدانىدا چېنىقتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغاپ، مەشىقتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى نىشانلاپ مەخسۇس ھۇجۇم مەشىقىنى قانات يايدۇردى. «ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلمىغاندا جەزمەن يوشۇرۇن خەۋپ شەكىللىنىدۇ، ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، غەلىبە قىلىشنى كۆزلەپ، ھەر ۋاقىت جەڭگە كىرەلەيدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمەن» دېدى جۈنشى جىن ياۋبىن مەردانە، ياڭراق ئاۋازدا.

كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، جاسارەت بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىمىز

نىشان يۆنىلىشنى نامايان قىلدى، بۇرچ كۈچنى بارلىققا كەلتۈردى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ھەسسىلەپ روھلاندى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پەيتنى قولدىن بەرمەي، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن مەركەزگە ئۇيۇشۇپ، جەڭ قىلىشقا كۈچەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىمىز.

شۇ كۈنلۈك ئۇچۇش مەشىقىنى تاماملاپ يەرگە تىنچ - ئامان قونغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە مەلۇم قىسمى ئۇچقۇچىلار چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى گو يەنباۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچۇش مەشىقى داۋامىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جەڭ قىلىش ماھارىتىنى تاۋلاپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

يېقىندا، پامىر ئېگىزلىكىنى ساقلاۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتى ئېگىز ھەم سوغۇق، ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان ناچار مۇھىتتا كۆپ تۈرلۈك ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى قانات يايدۇردى. 18 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئون چوڭ سادىق قوغدىغۇچى»، ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى چېڭ لىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قىسىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەزمەن ساپايىمىزنى كۈچلۈك چېنىقتۇرۇپ، ماھارەتنى پىششىق مەشىق قىلىپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىمىزنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدايمىز.

ئۇلۇغ ئارزۇ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەربىي گازارمىلاردا كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر غەيرەت - شىجائەتكە تولدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىنى ھەرگىز يەردە قويماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.

(مۇخبىر ياڭ شۇخەن، قاتناشقان مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ گويىن، شياڭ چىڭچىڭ، گې لېچېن، ياڭ چېڭچۈەن، خەن چياڭ، جەي ياڭياڭ، دىڭ شياۋشياۋ، زوۋ جۈنيۈ، نۇرتالىم ئالماس)