يەتتە چوڭ ساھەدە ئاساسىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

日期:2022年11月06日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل رېن گۇاڭپېڭ:

يەتتە چوڭ ساھەدە ئاساسىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتتىن بىر رايوننى پىلانلاش، بىر رايون ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرىمىز.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا توختالغاندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل رېن گۇاڭپېڭ ئىشەنچكە تولدى.

«پۈتۈن ئوبلاستتا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ جۇشقۇن قىلىمىز.» رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىدىغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەنزىلنى يۈكسەلدۈرۈپ، پىكىر يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.» رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قاينام - تاشقىنلىق ئەمەلىيىتى داۋامىدا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز. مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسى، جەمئىيەت ئاساسى ۋە ئىدىيە ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمىز.

«بايىنغولىن ئوبلاستى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىمىيە سانائىتى ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق - رەخت، كان ئېچىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى، يېشىل ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ ساھەدە ئاساسىي ھۇجۇم قوزغاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ.» رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق دېدى: «بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار ۋە <ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار>نى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدۇ».

رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈچكە سىجىل كۈچەشنى ساقلاش كېرەك: چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ئىدىيە ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە سىجىل كۈچەپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن نەتىجە ھاسىل قىلىش كېرەك؛ تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشكە سىجىل كۈچەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا يېڭى ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك.