كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ ھۈنىرى ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

日期:2022年11月06日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل رەشىلا راقات:

كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ ھۈنىرى ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر، شىنجاڭ يېشىل كانچىلىق كەسىپلەر توپىنى پائال بەرپا قىلماقتا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنى ئېچىشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار زاپىسىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش.» بۇ بىرنەچچە كۈندە، ۋەكىل رەشىلا راقات پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى ۋە پىكىر يۈرگۈزدى.

رەشىلا راقات شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ بالا شىركىتى − شىنجاڭ قاراتۆڭكى كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رۇدا تاللاش ئىنژېنېرى. 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئۇ شەرەپ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئېلىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى. ئۆيىگە كېلىپلا، رەشىلا راقات سىن ئارقىلىق خىزمەتداشلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان مەزگىلدىكى تەسىراتى ۋە ھاسىلاتىدىن ھەمبەھرىلەندى.

رەشىلا راقات مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى يۆنىلىش، نۇرلۇق چىراغ، يېتەكچى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت سېپىدىكىلەر، بولۇپمۇ ئەتراپىمدىكى كەسىپ ئىشچىلىرىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىشتەك ھۈنەرۋەن روھى ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش مەندەك پارتىيە ۋەكىلىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

رۇدا تاللاش ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەشىلا راقات پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر بىلەتتى. «كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا جەزمەن مەۋقەنى ئۆزىمىزگە قويۇشىمىز كېرەك، ئۇنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ساقلاپ تۇرغىلى، سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى سىجىل تۈردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋەزىپىسى قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا جەمئىي 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، 280دىن ئارتۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇمشاق يېرىلغان كان گەۋدىسىنى يۇقىرى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ قېزىشنى كۈچەيتىش ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تىزگىنلەش تېخنىكىسى، تەركىبى تۆۋەن لىتىي - بېرىللىي رۇدىسىنى ئۇنىۋېرسال يىغىۋېلىش تېخنىكىسى، مانگاننى ئېلېكتىرولىزلاپ ئانود لېيىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مەن رۇدا تاللاش ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلدىم. كېيىنكى قەدەمدە مەن مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرىمەن ھەم ئۆزۈم ئىگىلىگەن لەيلىتىپ رۇدا تاللاش تېخنىكىسىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، كېيىنكىلەرگە ئۆگىتىپ، كارخانىغا تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىمەن. مەنمۇ ئىشداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن» دېدى رەشىلا راقات.