ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 182 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2022年11月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 182 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەھلىل دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يېقىنقى مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئاقسۇ بىلەن ئارال بىرلىشىپ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ لەنجوۋ داشۆ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ھەمدە پېڭچېڭ دۆلەت تەجرىبىخانىسى بىلەن بولغان تور نۇقتىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھەمكارلىقى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، «چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە» دېگەن ئىشەنچنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىق، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق تىرىشىپ ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، 4 - پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە - كۆكتات قاتارلىقلار بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئىبارەت ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىم ئېنېرگىيە، خام ماتېرىيال قاتارلىقلار بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق كارخانىلار، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: لەنجوۋ داشۆ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، لەنجوۋ داشۆ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پېڭچېڭ دۆلەت تەجرىبىخانىسى تور تۈگۈنى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تور ئۇچۇر كەسپى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى ئالغا سىلجىتىش، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. لەنجوۋ داشۆ ھەم پېڭچېڭ دۆلەت تەجرىبىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ، دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تەدبىرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقى ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچىلىقنى خاس ئاساس، ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپنى ئىستراتېگىيەلىك يېتىلدۈرۈلىدىغان «بىر خاس، ئۈچ يېڭى» زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قىلىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.