پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2022年11月05日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى بېكىتىپ بەردى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق بايان قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئېنىق سۆزلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپنى ئېنىق سۆزلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەلەپنى ئېنىق سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى روھىي ماھىيىتى ۋە جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات ئورۇنلىرى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، يۇغۇرما تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، لېكسىيە سۆزلەش ۋە تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشى كېرەك. لېكسىيە ئۆمىكىگە قاتناشقان يولداشلار چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تولۇق، چوڭقۇر، جايىدا سۆزلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي رىتىمنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.