ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

​مەملىكەتنىڭكىدىن 3.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى سىجىل مۇقىم ئاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 9 - ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر توققۇز جەھەتتىكى 46 تۈرلۈك بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە پائال تاقابىل تۇردى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە تەكشى، مۇقىم، بىرقەدەر تېز ئېشىش ساقلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، سانائەتتىكى ئۈچ چوڭ تۈر مۇقىم ئاشتى، كانچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.1 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ 3.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ 2.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پار ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ 1.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

11 نۇقتىلىق ساھە ئىچىدە، كۆمۈر قېزىش ۋە رۇدا يۇيۇش - تاللاش كەسپى، مېتاللوئىد كان مەھسۇلاتلىرىنى ياساش كەسپى، خىمىيە خام ماتېرىيالى ۋە خىمىيە بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىق كەسپى قاتارلىق سەككىز ساھەدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ جەمئىي 7.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، نۇرغۇن نۇقتىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدا ئېشىش ھالىتى ساقلاندى.

ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.1 ئېشىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 10.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. تۈرلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، كانچىلىق كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشقان؛ ياسىمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، پولات - تۆمۈر سانائىتى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75.1 ئاشقان، توقۇمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.9 ئاشقان؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پار، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.2 ئاشقان.

بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 190 مىليارد 680 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.1 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 55.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ھەر 100 يۈەنلىك مۈلۈك ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 7.4 يۈەن ئاشتى، ئومۇمىي مۈلۈكنىڭ ئوبوروت كۈن سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 83.1 كۈن ئازايدى، بىرلىك تەننەرخ خىراجىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.38 يۈەن ئازايدى.

كېيىنكى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايون يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ساھەسى 50 تۈرلۈك مۇھىم، زور سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تۈرلەردە پۈتۈن يىللىق سېلىنما پىلانىنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، رەڭلىك مېتال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرىدۇ؛ رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى، توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.