مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغىدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەتتە، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرىمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما بازىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش شەكلى ئارقىلىق، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمى بىلەن خىزمەت ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزدى ۋە ئۆزلەشتۈردى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى بېكىتىپ بەردى.» گۇلاخما بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ فېي مۇنداق دېدى: ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. دىققەتنى كەسىپلەر ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق بازارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈش، تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئاساسنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېڭى ھالەت يارىتىش، يېزىلارنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، غەيرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.» ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن خۇڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: «مەھەللە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ ئاساسىي قاتلام بۆلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ھالقا ۋە خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى، شۇنداقلا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. بىز مەھەللە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز».

يېڭى مۇساپىدىكى گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى. جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 7 - ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئەترەت باشلىقى ما جىنسەي مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن ئەترەتتىكى ئاممىنى خاس كەسىپلەرنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسى، سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر چارلاش - لايىھەلەش يۇرتىنىڭ ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى خىتەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى سىن، «ئائىلە پارتىيە مەكتىپى» قاتارلىقلاردىن پائال پايدىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگەندى.

«يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مانا بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن <خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش>نىڭ جانلىق ئىپادىسى.» خىتەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جۇ جياجۈن مۇنداق دېدى: «بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يۇرتداشلارنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە يېتەكلەپ، يۇرتداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز».

«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، ئەڭ نېگىزلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.» ئالتاي شەھىرى لاستى يېزىسى نوغايتى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاينار جۈمەباي مۇنداق دېدى: باشتىن - ئاخىر پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشىمىز. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، بەختلىك قىلىمەن.

«بىز يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، بىز مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دىققەتنى ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەھەللە، خوجىلىق شىركىتى، ئاھالىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسى بىلەن مەھەللىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئاقتۇ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئاقتۇ ناھىيەسى دوستلۇق يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى يەن جىۋېن.

مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ ئەلا نەتىجە يارىتىمىز

ھازىر چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 233 مىڭ 800 مو يەردىكى چىلان يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرىپ، ھەممە يەردە مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن مەنزىرە نامايان بولدى.

«10 يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە، بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى، قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزگە غايەت زور ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىدى.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇتام يېزىسى غولئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى بىڭ چەكسىز روھلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياخشى تۇرمۇشنى ساقلاپ قولغا كەلتۈرگىلى، تەلەپ قىلىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى ياخشى تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كەنتىمىزنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىمىز، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز».

سانجى شەھىرى ئاشلى قازاق يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاستېر ماقاي مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆز ھەرىكىتىمدە كۆرسىتىمەن. كېيىنكى قەدەمدە 500 مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك باقمىچىلىق كىچىك رايونى قۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، بىكار قالغان يەرلەرنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشنى پىلانلىدۇق.

«بىز پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ ۋە روھنى تاۋلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى <پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، پۇقرالارنى رازى قىلىدىغان> ئىشىكى ئالدىدىكى ياخشى مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قومۇل شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيمىز، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز» دېدى قومۇل شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى جاۋ شۆبو.

(مۇخبىر شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ خۇڭخۇي، پەن تىڭ، دۇەن جىشياڭ، جۇ ۋېي، دۇڭ شىجۈ، ليۇ خۇي، ساۋ يۆ، زېڭ جاۋمېي، ما جىجۈەن)