​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل قەيسەر قېيۇم:

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«كەلگۈسى بەش يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش قەدىمى باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.» بۇ كۈنلەردە، خىزمەت ئورنىغا قايتقان تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، ۋەكىل قەيسەر قېيۇم ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشاننى بېكىتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تۇرپان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «شەھەرنى يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇش، شەھەرنى سانائەت ئارقىلىق كۈچەيتىش، شەھەرنى مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەسى ياخشى شەھەر بەرپا قىلىش»ئومۇمىي پىكىر يولى بويىچە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك.

تۇرپان داڭلىق «مېۋە - چېۋە ماكانى»، ئەۋزەل شارائىتى ۋە ئۆزگىچە ھاۋا كىلىماتى بۇ يەردىكى مېۋە - چېۋىلەرگە شېرىن تەم كىرگۈزگەن. يېڭى مۇساپىدە، تۇرپان يەنىلا «تاتلىق كەسىپ»نى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. قەيسەر قېيۇم مۇنداق بىلدۈردى: ئۈزۈم، قوغۇن - تاۋۇز، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، خاس چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ خاس يېزا ئىگىلىك كەسپى»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»سىنى جۇلالاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «ئەڭ كۈچلۈك بېيىش يولى»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ.

زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، «شامال، يورۇقلۇق» يېڭى ئېنېرگىيەسى، نېفىت، نېفىت خىمىيە بازىسى... سانائەت تۇرپاننىڭ يەنە بىر نام كارتىسى. بۈگۈنكى كۈندە، تۇرپان شەھىرىنىڭ سانائەت كەسىپ تۈرلىرى كۈنسېرى تولۇقلىنىپ، سانائەت ئىقتىسادى ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش، تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا ماڭدى. قەيسەر قېيۇم مۇنداق قارىدى: كېيىنكى قەدەمدە، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت - تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى، يېشىل يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مىقدارىنى زورايتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر توپىنى ماس شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرىمىز.

تۇرپاننىڭ تارىخى ئۇزاق، تارىخىي يادىكارلىقلار، مەدەنىيەت ئاساسى مول بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەنزىلگاھى ھېسابلىنىدۇ. «بىز تەڭداشسىز مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە، قانداق قىلغاندا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇش ئۈستىدە ئىزچىل تۈردە پائال ئىزدىنىۋاتىمىز.» قەيسەر قېيۇم مۇنداق دېدى: شۇڭا، تۇرپان دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قۇرۇش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھى، دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، پۈتۈن شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شىنجاڭ بويىچە ساياھەت يىغىلىش - تارقىلىش ئورنى بەرپا قىلىدۇ. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ گىرەلەشمە ئېففېكتى جەزمەن مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.

مىڭ يىللاردىن بۇيان، سۈپسۈزۈك كارىز سۈيى تۇرپاندىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى بېقىپ كەلدى. ئوت يۇرتىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما، سۇنىڭ بۇ زېمىنغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. «سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، تەرەققىيات بوشلۇقىمىز شۇنچە چوڭ بولىدۇ.» قەيسەر قېيۇم مۇنداق بىلدۈردى: سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن ئىبارەت «ئۈچ سۇنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش»، يەر ئۈستى سۈيى، يەر ئاستى سۈيىدىن ئىبارەت «ئىككى سۇنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرپاننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەنبە ئېقىن سۈيى قوشىمىز.