​«بارماق ئۇچى ئىقتىسادى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈزەل كېلەچەكنى «كەشتىلەپ» چىقىمىز

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل لى پىڭ:​

«بارماق ئۇچى ئىقتىسادى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈزەل كېلەچەكنى «كەشتىلەپ» چىقىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«كۆپچىلىكنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ بېيجىڭغا بېرىپ قۇرۇلتايغا قاتناشتىم، خەلق سارىيىغا كىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتنى نەق مەيداندا ئاڭلىدىم، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم!» 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ناداچى نېرۇ يېزىسى ناداچى نېرۇ كەنتىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى پىڭ دوكلاتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كېيىنكى لېكسىيە ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئۇ ئۆزى كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھېس قىلغانلىرىنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يەتكۈزۈلگەن ياخشى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇرتداشلارغا سۆزلەپ بەرمەكچى ئىدى.

55 ياشلىق لى پىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. «ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.» ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى سۆز - جۈملىلەردە پارتىيەمىزنىڭ چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى نامايان قىلىندى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى ناھايىتى ئىللىتتى.

«يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك»... بۇ مەزمۇنلار لى پىڭغا كەلگۈسىدىكى يېزىلارنىڭ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان يېڭى زېمىن، زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يېڭى جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. «بىز ياخشى پۇرسەتكە ئۇلاشتۇق، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چوقۇم يۇرتداشلارغا يەتكۈزىمەن» دېدى ئۇ.

ناداچى نېرۇ يېزىسى شىبە مىللىتى كەشتىچىلىكى ھەم قول ھۈنەر ياسىمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك» دېگەن مەزمۇن ئۇنى تېخىمۇ روھلاندۇردى.

لى پىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئەنئەنىۋى كەشتە تىكىلگەن كىيىم - كېچەكلەرگە بەك ئامراق بولۇپ، ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ مۇشۇ كەسىپنى ئۆگەنگەن، يېزىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە قول ھۈنەر كەشتىخانىسى ئېچىپ، شۇ جايدىكى خېلى نامى بار كەشتىچى ئايالغا ئايلانغان. 2011 - يىلى شىبە مىللىتى كەشتىچىلىكى 3 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى تور ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە پۈتۈن يېزىدىكى كەشتىچى ئاياللارنى يېتەكلەپ ئۆمەك تەشكىللەپ تەرەققىي قىلىپ، «بارماق ئۇچى ھۈنىرى»گە ۋارىسلىق قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

«ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت، ئاياغ، باش كىيىم، سومكا، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى قاتارلىق كۆپ خىل كەشتە مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئەڭ دەسلەپكى 200 مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ 420 مىڭ يۈەنگە يەتتى» دېدى لى پىڭ.

بۇ قېتىم قۇرۇلتايغا قاتناشقاندا، لى پىڭ ئالايىتەن شىبە مىللىتىنىڭ كەشتە تىكىلگەن چىرايلىق كىيىمىنى كىيىپ، قۇرۇلتاي مەيدانىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. «قۇرۇلتاي مەيدانىدا ھەر قېتىم باشقىلار مەندىن بۇنداق چىرايلىق كىيىمنى قەيەردىن سېتىۋالدىڭىز دەپ سورىغاندا، مەن مەغرۇرلانغان ھالدا، بىزنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدىكى كەشتىچى ئاياللار تىككەن، ئۆزۈممۇ تىكەلەيمەن دېدىم.» لى پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم قۇرۇلتايغا قاتنىشىش، يەنە مېنى كەشتىچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش، «بارماق ئۇچى ھۈنىرى»نى قانداق قىلىپ «بارماق ئۇچى ئىقتىسادى»غا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئويغا ئىگە قىلدى.

لى پىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنى ئىستېمال قىلىدىغان ئاساسلىق كىشىلەر توپى ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار، ئەگەر ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ياشلار ياقتۇرىدىغان ئېلېمېنتلارنى كىرگۈزۈپ، ئەنئەنە بىلەن مودىنى يۇغۇرۇپ، كەشتە بۇيۇملىرىنى ياشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

يەنە بىر جەھەتتىن، كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى تارقىتىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا قارىتا لى پىڭدىمۇ يەنە بەزى ئەندىشىلەر بار. كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگىنىش ئاسان، كامالەتكە يېتىش تەس، ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدۇ، ئالدىرىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ياشلار كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدۇ. لى پىڭ تۇرۇشلۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئەڭ ياش كەشتىچى ئايالمۇ 40 نەچچە ياشتا. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى زور ئىشەنچ بېغىشلىدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، مەن باشقا كەشتىچى ئاياللار بىلەن بىرلىشىپ، يېزىدىكى ياشلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە گۈزەل ئىستىقبالىمىزنى <كەشتىلەپ> چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» لى پىڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى نامايان قىلىپ، شىبە مىللىتى كەشتىچىلىكىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.