يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

​ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن

【مۇھەررىر ئىلاۋىسى】

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا دائىر نىشان - ۋەزىپە ۋە چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلار ئىلمىي پىلانلاندى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

بىرىنچى، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش نامايان قىلىندى

ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيەنى قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيەمىز دادىللىق بىلەن نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە مەركەزلىك نامايان بولدى.

10 يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچى نامايان قىلىندى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭى مۇساپىدە پارتىيەمىزنىڭ قانداق بايراقنى كۆتۈرۈشى، قانداق يولدا مېڭىشى، قانداق روھىي ھالەت بىلەن قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر جاكارلاندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللاردا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ياخشى تەتبىقلاپ، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئىككىنچى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ - ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. دوكلاتتا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك» نۇقتىلىق تەھلىل قىلىندى، توققۇز جەھەتتىكى «ماھىيەتلىك تەلەپ» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «ئىككى باسقۇچ» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى تەكىتلەندى، بەش جەھەتتىكى «مۇھىم، زور پىرىنسىپ» تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سىستېمىلىق بايان شەكىللەندۈرۈلدى، «ئۈچ چوڭ قانۇنىيەت»كە بولغان تونۇشتا يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش سىستېمىلىق لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى نامايان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − باش ۋەزىپە؛ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار − ئۇل خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تىرەك؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى − بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − ئايلىنىش يولى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت − مەنىۋى كۈچ؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش − ماھىيەتلىك تەلەپ؛ تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش − ئىچكى تەلەپ؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى − تۈپ ئالدىنقى شەرت؛ خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ؛ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى − تۈپ كاپالەت.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە ياراتقان يېڭىلىقى ۋە بۆسۈشى بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللار مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

ئۈچىنچى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، بىز پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، پارتىيەمىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ ئىككىنچى جاۋابىنى تېپىپ چىقتى، لېكىن پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» ۋە «تۆت چوڭ خەۋپ - خەتەر» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا يەتتە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، يەنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، قەتئىي بوشاشماستىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش.

ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك رولغا ئىگە، ئۇ، كۈچلۈك مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور پىرىنسىپىنى نامايان قىلىدۇ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، پارتىيەمىز چوقۇم يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.