«120» ھاياتلىق لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاش

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«ياخشىمۇسىز، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش لىنىيەسى، قېنى سۆزلەڭ»

«ئاغرىقنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟»

«ئېنىق ئادرېسىڭىزنى دەپ بېرىڭ»

«تېلېفونىڭىز ھەر ۋاقىت ئوچۇق تۇرسۇن، بىز ھازىرلا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئەۋەتىمىز»

...

120 جىددىي قۇتقۇزۇش لىنىيەسى − ھاياتلىق لىنىيەسى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ تېلېفونلىرى توختىماي جىرىڭلاپ تۇردى، تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىملار ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ئاۋازى ئارقىلىق كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىماقتا.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدە جەمئىي 18 تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىم بار. 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چى رۇخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش، مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش لىنىيەسىگە تېلېفون ئۇرۇش سانى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىش ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندە 2210 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ، پۈتۈن كۈن تىنماستىن جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان بىلەن باراۋەر.

كەلگەن تېلېفون مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى. تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىملار ھەر كۈنى توققۇز سائەتتىن ئارتۇق تېلېفون قوبۇل قىلدى، ئۇلار كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ، ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈردى.

يېقىندا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىم لى دەن تېلېفوندا «خايمىلىك ئۇسۇلى»نى قوللىنىشقا يىراقتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاغرىقنىڭ تېزدىن خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى دەن «ئائىلىمىزدە ياشانغان كىشىنىڭ گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالدى، كالپۇكى ۋە يۈزى كۆكىرىپ كەتتى، گەپ قىلالمايۋاتىدۇ!» دېگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدى.

ئائىلە تەۋەسىنىڭ تەسۋىرلىشىگە ئاساسەن، لى دەن دەرھال ئاغرىقنىڭ نەپەس يولىدا نەرسە تۇرۇپ قاپتۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئەھۋال خەتەرلىك ئىدى، لى دەن ئاغرىقنىڭ ئادرېسى، كېسەللىك ئەھۋالى، ئىسىم - فامىلىسى، تېلېفون نومۇرىنى ئېنىق سورىغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى نەق مەيدانغا بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بەرگەچ، ئۇلارنىڭ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، بىرنەچچە قېتىم سىنىغاندىن كېيىن، ياشانغان كىشىنىڭ نەپەس يولىدا تۇرۇپ قالغان نەرسە ئاخىر چىقىپ كەتتى، جىددىي قۇتقۇزۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!

«ئاغرىقلارنى باشتىن - ئاخىر قەلبىگە پۈكۈش» ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى ھەربىر خادىمنىڭ كەسپىي ساپاسى.

«ۋاقىت ھاياتلىق دېمەكتۇر. كەلگەن تېلېفون مىقدارىنىڭ تۇيۇقسىز كۆپىيىشىگە قارىتا، بىز سۆزلەش سۈرئىتىمىزنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزلىتىپ، 60 سېكۇنت ئىچىدە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئەۋەتىشنى قولغا كەلتۈردۇق.» بىرىنچى سەپتە 18 يىل خىزمەت قىلغان جاڭ خەيشيا بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن سۆيىدۇ، ئۇ خىزمەت قىلغان ھامان، زېھنىنى ھەر ۋاقىت يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش تېلېفونىدىكى ھەرقانداق بىر ئۈنۈملۈك ئۇچۇرنىڭ خاتا بولۇپ قالماسلىقىغا، چۈشۈپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىدۇ.

قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا، قولاي بولسۇن ئۈچۈن جاڭ خەيشيا 11 ياشلىق ئوغلىنى ئىدارىگە بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى، «ئەمەلىيەتتە كۆپ ۋاقىتتا بالام ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ.» جاڭ خەيشيا خىجىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ۋاقتىدا بالامنىڭ تاماق يېگەن - يېمىگەنلىكى، تور دەرسىگە قاتناشقان - قاتناشمىغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ ۋاقتىم يەتمەيدۇ.

«مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تېلېفون كەلسىمۇ، مېنىڭ تېلېفون ئالغۇدەك ۋاقتىم يوق.» تېلېفوندا، جاڭ خەيشيانىڭ ئاۋازى سەل بوغۇق چىقتى، چۈنكى توختىماي گەپ قىلغاچقا، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاللىقاچان پۈتۈپ قالغانىدى، لېكىن بىر ئادەمنى بولسىمۇ كۆپرەك قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇ بۇنى ئەرزىيدۇ، دەپ ئويلىدى.

ھازىر ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى يېڭىدىن مەخسۇس لىنىيە مۇقىم تېلېفونىدىن ئوننى ئورناتتى، تېلېفون قوبۇل قىلغۇچىلارنى 100گە يېقىنلاشتۇردى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى 40 نەچچىگە يەتكۈزدى، يۇقۇم مەزگىلىدە ئاممىنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئالدىنقى سەپتىكى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىملار مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمىدى، ئارقا سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى پەرىدە ئەلى رايون، ناھىيەلەردە بىرىنچى سەپتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان مەنپىي بېسىملىق ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولدى. «بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، بىرىنچى سەپكە كاپالەتلىك قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئۇ تارقىتىش ئۆلچىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىملەش، نۇقتىلىق تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى كۈچلۈك مۇداپىئە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.