ئىلگىرىكىدەك ياخشى ھاۋا! بۈگۈن پۈتۈن شىنجاڭدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بىز كۈتكەن ياخشى ھاۋا بۈگۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن پۈتۈن شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

11-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

بۈگۈن سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياكى ۋە يامغۇر ئارىلاش قار قارغا ئۆزگىرىدىغان ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قوشتولغايدىن قارامايغىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسى، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ؛ 9 بال قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (30 چاقىرىملىق شامال رايونى)، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى (100 چاقىرىملىق شامال رايونى).