قۇرۇلتاي روھىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كۆپ خىل شەكىلدە، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، چىقىرىلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

يېڭى دەۋردە يېڭى بۇرچ يۈكلەندى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ شياڭجۇڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىل ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە يېڭى بۇرچ يۈكلەندى، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەر بويىچە، ئىستىلنى توغرىلاش - ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قاتتىق رىتىم ئارقىلىق كۈچەيتىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق، پۈتۈن شۆيۈەندىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. بۇ مەكتەپ (شۆيۈەن)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى مەكتەپ (شۆيۈەن)نىڭ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەشتىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، كادىرلارنى ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يۇقىرى سۈپەتتە دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بولغان نەزەرىيە جەھەتتىن بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلمىي قائىدىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، تېزدىن قىزغىن دولقۇن قوزغىشى كېرەك. ھەرقايسى ساھەدىكى ياشلار بىلەن بولغان زىچ ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمىز، يېتەكلەيمىز.

يېڭى مۇساپىدە يېڭى قەدەم تاشلايمىز

«بىز يېڭى مۇساپىدە يېڭى قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ جىدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، تېجەشچان ئورگان قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

«بىز يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ 13292 <ئانار گۈلى ئاياللار تەشۋىقات ئەترىتى>نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئاياللارغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاياللار، بالىلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاياللارنى ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش، كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

«دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب، ئۇ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، تىنچ - ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا 3 - كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى گەن لۇ مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «خەلق» دېگەن سۆز كۆزگە روشەن تاشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ۋەزنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، «مەن قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ھەربىر ئەدلىيە دېلولىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى بېجىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ياخشى قوغدايمەن».

يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىمىز

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا <ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە قويغان كونكرېت تەلىپى». ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گۇ خەيلىن مۇنداق دېدى: بىز ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەمدە يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار قاتارلىقلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پورت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى گو يىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئىزچىل ئۆگەندى. «تاموژنا خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربىي لىنىيەسى قاتنىشىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى جەنۇبىي يول قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىمەن.» گو يىڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە پائال ماسلىشىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بازار سېتىۋېلىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا رايونى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندۇرىمىز.

«بىز يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى غالىب ئابدۇكېرىم مۇنداق بىلدۈردى: 5G، قوش مىڭ مېگابايت، ھېسابلاش كۈچى ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق يېڭى ئۇل قۇرۇلۇش تور سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش مىڭ مېگابايت ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تور كۈچلۈك رايونى، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، جاڭ يەنفاڭ، گۇەن مېڭيىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ياڭ شۇخەن، لى لىن، چېن چياڭۋېي، فەن چيۇڭيەن)