پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ۋە يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندە ھەمدە شەنشى يەنئەن ۋە خېنەن ئەنياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نى يەتكۈزدى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «دۆلەت سۇ تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، كۈچەش نۇقتىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكى قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئاخبارات تەشۋىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ھازىر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي تاكتىكا، باش فاڭجېندا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ تەلىپى ۋە 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كېسەل كۆرسىتىش - داۋالىنىش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، قايتالماي تۇرۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىشى قاتارلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ مەخسۇس يەنئەنگە بېرىپ ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىقى ۋە كۈچلۈك بۇرچى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى، يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك؛ خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ۋە ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىش يولىدا قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك؛ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قۇرۇش كېرەك؛ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى يەنئەندە ۋە خېنەن ئەنياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - كۆكتات، چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساس مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنقىلابىي روھ، قىزىل روھ بىلەن ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان تېخىمۇ كۆپلىگەن دەۋر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، يارغول قەدىمىي شەھىرى، كۈسەن مىڭئۆيى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسار ئەتىقىلەر ۋە مۇقام، ماناس قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەت سۇچىلىق تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى تەڭشەش - ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇچىلىق تورى غول سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشى، تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك رايون، ساھە ۋە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.