پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش» «ئىككىنى قوغداش»نى ئەڭ يۈكسەك سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە مەركىزىي ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجىغا زىچ ئەگىشىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىرەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقىرىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىرگەنلىكى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنىڭ تىكلەنگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ تىكلەنگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق؛ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە باشلاشتىكى سىياسىي كاپالەت، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيەمىزنى، ئىرادىمىزنى، ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمىز بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، قۇرۇلتايدا بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسىي، نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلدى. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغانلىقى، نەزەرىيە جەھەتتىن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى، نىشاننى ئىلمىي بېكىتكەنلىكى ۋە خىزمەتنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللاردا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك؛ كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئورنى ۋە رولىنى توغرا تېپىپ، يېڭى مۇساپىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە قىلىش كېرەكلىكى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىش كېرەك؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار ھەمدە 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك نىشان ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.