11-ئاي ياخشىمۇ سىز! بۈگۈن ئىلى ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ

日期:2022年11月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق ياكى يامغۇر ياغىدىكەن ياكى يامغۇر ئارىلاش قار قارغا ئۆزگىرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن جايلاردا 4 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بال ئەتراپىدا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا بىرئاز تۆۋەنلەيدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 9لەرئەتراپىدا، ئۈرۈمچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرى بۇلۇت-تۇمانلار ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 3 بالدىن 4 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.

مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۈگۈن كۈندۈزدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا يامغۇر، قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاشيول لىنىيەلىرى سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىغان ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە G218 لىنىيەسىنىڭ نىلقىدىن كۈنەسكىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ چورمادىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ جىمىساردىن مورىغىچە بولغان بۆلىكىدە ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ؛ 5 بال غەربىي شىمال شامىلى (8 بال ئۆتكۈنچى بوران)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، S201 مايتاس شامال رايونى، S221 تولى لاۋفېڭكوۋ شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي شامال رايونىدىكى يول بۆلىكى؛ 4 بالدىن 7 بالغا ئۆزگىرىدىغان قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (30 چاقىرىملىق شامال رايونى)، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى (100 چاقىرىملىق شامال رايونى).