مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئاچىمىز

日期:2022年10月31日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل ۋاڭ گوخې:

مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئاچىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ياۋ تۇڭ

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش شەرەپ ۋە ئارزۇ ـ ئۈمىدكە تولغان ئۇزۇن سەپەر. چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان پەيتتە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ گوخېنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەۋقەنى سانجىنىڭ ئەۋزەل بايلىقى، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئاچىمىز» دېدى ۋاڭ گوخې «بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز، شۇنداقلا ئىرادىمىز بار».

ئالاھىدە تىرانسفورموتور، لەنشەن تۇنخې خىمىيە سانائىتى، گوتەي شىنخۇا، جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى، شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ... بۇ ياڭراق كارخانا «نام»لىرى «سانجىدا ياسالدى»نىڭ مول ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

«ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يەنىلا سانجى ئوبلاستىنىڭ نۇقتىلىق تىرىشىش نىشانى». ۋاڭ گوخې مۇنداق دېدى: زامانىۋى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ۋە ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا سانجى تۆھپىسىنى قوشىمىز.

ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنسا، يېزا ئىگىلىكى مۇقىم بولىدۇ، يېزا ئىگىلىكى مۇقىم بولسا دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ. شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجىنىڭ يېرى مۇنبەت، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز. «ئالدى بىلەن ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ئوبلاستنىڭ زاپاس ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئاندىن ئۇرۇقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك». ۋاڭ گوخې مۇنداق بىلدۈردى: مۇشۇ ئاساستا 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي ـ باياشات بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىدا ياخشى ماڭىمىز.

سانجى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ سىڭىشكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋاڭ گوخېنىڭ پىكىر يولى ئېنىق.

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى سودا ۋە ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىدىكى رولىمىزنى نامايان قىلىمىز» دېدى ۋاڭ گوخې.

باشتىن ـ ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشنى تۈپ مەيدان قىلىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى.

«سانجى تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىدۇ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىدۇ» دېدى ۋاڭ گوخې.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرمۇبىر يېڭىش، غەلىبىلەرنى كەينى ـ كەينىدىن قولغا كەلتۈرۈشتە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «غەيرەت»نى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، «ۋەزىيەت»نى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

«يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى بولغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك ئىشلاردا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغىلى، كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» ۋاڭ گوخې مۇنداق دېدى: بىز كادىرلار ئىستىلىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمىز.